شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى: «چىزەي» ناملىق سەركەئىت (ئەمالارغا يول باشلىغۇچى ئىت) پىدائىينىڭ ھەمراھلىقىدا، 10 سائەتلىك يولنى بېسىپ دېڭىز شەھىرى دالىيەندىن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. سەركەئىت ئۈرۈمچىدىكى ئەمالارغا تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
بۇ يىل، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى جۇڭگو سەركەئىت دالىيەن تەربىيەلەش بازىسى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، تەربىيەلەش بازىسىدىكى پىدائىيلارنى سەركەئىتنى ئېلىپ شىنجاڭدا سەركەئىت باش تېمىسىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
«چىزەي» گەرچە يىراققا سەپەر قىلغان بولسىمۇ، كۆپ مەشىقلەندۈرۈلگەن بولغاچقا 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپىدە كۆپچىلىك بىلەن ئۇچراشتى. «چىزەي» ئالتۇن رەڭلىك رابرادو ئىتى بولۇپ، بۇ يىل ئىككى ياشقا كىردى. «چىزەي» ئەمالارنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلغاندىن سىرت، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول باشلىدى، توسالغۇلاردىن ئايلىنىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى نەق مەيداندىكى ئەما ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى، ئەما ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە «چىزەي»بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى ۋە بېقىۋېلىش ئىلتىماسىغا ئائىت سوئاللارنى سورىدى.
«چىزەي» نىڭ يېتەكچىسى، جۇڭگو سەركەئىت دالىيەن تەربىيەلەش بازىسىدىكى پىدائىي لياڭ جيانىڭ تونۇشتۇرىشىچە، جۇڭگو سەركەئىت دالىيەن تەربىيەلەش بازىسى نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر مەملىكەتكە يۈزلەنگەن سەركەئىت بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن 138 سەركەئىتنى مەشىقلەندۈرگەن، بۇ ئىتلار ھازىر مەملىكەتنىڭ 19 ئۆلكىسىدە ئەمالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىۋېتىپتۇ.
لياڭ جيانىڭ ئېيتىشىچە، مەشىقتە لاياقەتلىك بولغان سەركەئىتلار مۇۋاپىق دەپ قارالغان كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، سەركەئىتلارنىڭ مۇلازىمەت قىلىش مۇددىتى سەككىز يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدىكەن. جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئەمالارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى كۈنسايىن قوغدىلىپ، سەركەئىتلار تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمالار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى گۇ يوڭلى مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدا سەركەئىتلار يوق ئىدى، ئەمالارنىڭ سەركەئىتقا بولغان چۈشەنچىسىمۇ يىتەرلىك ئەمەس ئىدى. ئەمالار پەقەت ئەمالار ھاسسىسى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا سىرتقا چىقالايتتى. «چىزەي» نىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى بىلەن، دۆلەت چېگرىسى ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان دوستلار تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتا سەركەئىت بىلەن ئۇچراشت، سەركەئىت ئۇلارغا يەنە بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشلاشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، سەركەئىت ئەمالار ھاسىسىسىغا قارىغاندا ئەمالارنى تېخىمۇ چوڭ توسالغۇ بۇيۇملاردىن قاچۇرالايدىكەن ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يەتمەكچى بولغان نشاننى ئىزدىيەلەيدىكەن، ئەڭ مۇھىمى سەركەئىت ئەمالارنىڭ تۇرمۇشتىكى ياخشى ھەمراھى بولالايدىكەن.