تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

86ياشلىق بوۋاينىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇخالىق ئابلىمىت

  يېقىندا، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يار كەنتىدىكى 86 ياشلىق بوۋاي ئابلىمىت ئەزنىباقىنىڭ ھويلىسى باشقىچە قىزىپ كەتكەنىدى. ئىدىقۇت رايونلۇق ‹‹تۈمەنبۇلاق›› سۇ بىلەن تەمىنلەش – سۇ چىقىرىش شىركىتىدىن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار ۋە قولۇم – قوشنىلار ئابلىمىت ئەزنىباقىنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىدى.

  ئابلىمىت ئەزنىباقى ئالدى بىلەن ياغاچ ساندۇقتا ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلگەن ماۋ جۇشىنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئىزناكنى ئېلىپ مەيدىسىگە تاقىدى. ئارقىدىن كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى، شۇنداقلا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە يەتكۈزگەن مېھىر – شەپقىتىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ‹‹خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك››، دەپ كۆرسىتىلدى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەككى، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باياشات بولىدۇ. كۆپچىلىك بوۋاينى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ياش ئېلىشتى، بەس – بەستە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ‹‹تۈمەنبۇلاق›› سۇ بىلەن تەمىنلەش – سۇ چىقىرىش شىركىتىنىڭ كادىرى رىزۋانگۈل ئابلىمىت مۇنداق دېدى: ئابلىمىت تاغامنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلاشساقلا، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  ‹‹تۈمەنبۇلاق›› سۇ بىلەن تەمىنلەش – سۇ چىقىرىش شىركىتىنىڭ كادىرى رەيھانگۈل غېنى مۇنداق دېدى: ئابلىمىت بوۋامنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، مەسئۇلىيىتىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇم. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ھەر بىر ئادەمگە يەتكۈزۈشىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتىم.

  ئابلىمىت ئەزنىباقى ئون نەچچە ياش ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ناھايىتى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن ئىكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى تەدرىجىي ياخشىلىنىپتۇ. ھازىر ئۇنىڭ بىر ئوغلى، بىر قىزى، ئۈچ نەۋرىسى بار ئىكەن. پارتىيەنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئوغلى باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپتۇ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپتۇ. بوۋاي مۇنداق دېدى: كومپارتىيە بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى. بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە كومپارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرماقچىمەن، بىز چوقۇم مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى