تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كۇچا ناھىيەسى داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇردى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەت ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: كۇچا ناھىيەسى ئادەتتىكى كىچىك كېسەلنى كەنتتىكى داۋالاش ئۆيىدە، چوڭ كېسەلنى يېزا – بازارلىق شىپاخانىدا داۋالاش، ئېغىر كېسەلنى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىدا دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاشتىن ئىبارەت سەھىيە – داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، داۋالاش تارماقلىرىنىڭ داۋالاش، دىياگنوز قويۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  بېھىشباغ يېزىسىدىكى 75 ياشلىق قادىر ئىمىرنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بار بولۇپ، ئىلگىرى دائىم يېزىلىق شىپاخانىغا، ناھىيەلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتەتتى. بۇ يىل ئۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېزىدىلا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈپ، سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدىغان بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى يېزىلىق شىپاخانىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولمىغاچقا، ياشانغانلار داۋالىنىشتىن ئەنسىرەيتتۇق، ھازىر شىپاخانىمىزنىڭ دوختۇرلىرى تولۇقلىنىپ، ئۈسكۈنىلىرى يېڭىلاندى، خېلى كۆپ دورا تېپىلىدىغان بولدى، ئەمدى يىراق دوختۇرخانىلارغا بارمايلا شىپاخانىمىزدا كېسىلىمىزنى خاتىرجەم تەكشۈرتۈپ داۋالىنالايدىغان بولدۇق.

  2017 – يىلى 10 – ئايدا ناھىيە، يېزا – كەنت سەھىيە مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ ناھىيەدىكى شىپاخانىلارنىڭ داۋالاش سەۋىيەسى، مۇلازىمەت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. بۇلتۇر يېزا – بازارلىق شىپاخانىلاردا كېسەل كۆرسەتكەنلەر 264 مىڭ 720 ئادەم(قېتىم)گە، كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغانلار 12 مىڭ 635كە يېتىپ، 2016 – يىلىدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم 47 مىڭ 352 ئادەم، 1605 ئادەم كۆپەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى