تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى ياخشى راۋاجلاندۇرىمىز

  مۇخبىرلىرىمىز شى شىن، چېن چياڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سەي شۇ

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئىنقىلابىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ئېنېرگىيە تەرەققىياتى توغرىسىدا، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، شىنجاڭ قانداق قىلغاندا مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى ياخشى راۋاجلاندۇرالايدۇ؟ بايلىق تىپىدىكى رايونلار قانداق قىلغاندا تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلەيدۇ؟ شىنجاڭدىكى ئېنېرگىيە كارخانىلىرى قانداق قىلغاندا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ؟ يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتتى.

   كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  شىنجاڭ كۆمۈر كان بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋۇ جياچۈن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادى توغرىسىدىكى تەلىپىگە ئاساسەن، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل كان قۇرۇش، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

  2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 178 مىليون توننىغا يېتىپ، 2016 – يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشتى، پائال تەدبىر قوللىنىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ كۆمۈر بازىرىنىڭ تەمىناتى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئاساسىي ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئارقىدا قالغان 114 كۆمۈر كان تاقىلىپ، 11 مىليون 630 مىڭ توننا\يىل كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى چېكىندۈرۈلۈپ، كۆمۈر سانائىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۈرۈشتا ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى. ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر كۆمۈرچىلىك ساھەسىدە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتتى، ‹‹شېنخۇا›› گۇرۇھى شىنجاڭ شىركىتى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى بولۇپ يەر بېسىمى زەربىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش مەركىزى تەسىس قىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆمۈر پەن تەتقىقاتىدىكى بەش تۈر ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى.

   ۋۇ جياچۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل كۆمۈر سانائىتىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، كۆمۈر كانلارنى كۆلەملەشتۈرۈش، كۆجۈملەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كۆمۈرچىلىك ساھەسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىمىز

  كۇچا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم، دۆلەت دەرىجىلىك كۇچا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بەي خېبىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ ‹‹سەرخىل، ئىنچىكە، كۈچلۈك›› بولۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

  كۇچا ناھىيەسى تارىم نېفىتلىكىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشتىكى ئاساسلىق جەڭگاھ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولۇپ، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن مۇھىم ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى بازىسى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، كۇچا ناھىيەسى ‹‹سانائەتتە كۈچلۈك ناھىيە›› قۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسپىنى يېتەكچى قىلىش، باشقا كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، 2017 – يىلى ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسپىدە 22 مىليارد 43 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتى ياراتتى.

  بەي خېبىن مۇنداق دېدى: بەش يىلدا ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى 50 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مىليون توننىلىق نېفىت ئايرىشنى تايانچ قىلىپ، قېزىلما بايلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئۆز جايىدا پىششىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئاساسىي تورىنى تۇتاشتۇرۇش نۇقتىسى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئايلانما تورىنىڭ تىرەك نۇقتىسى بولۇش ئەۋزەللىكىمىز ۋە مول بايلىق ئەۋزەللىكىمىزگە تايىنىپ، ھازىرقى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي سىغىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇھىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىسىنى قۇرۇپ چىقىمىز.

  ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز

  ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى ھازىر دۆلىتىمىزدىكى ‹‹كۆمۈر، نېفىت، گاز››دىن ئىبارەت ئۈچ خىل بايلىققا ئىگە تۇنجى پۇقراۋى ئېنېرگىيە كارخانىسى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

   ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى لياڭ شياۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قويۇپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىپ، مول تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە نېفىت بايلىقىغا ئېرىشىپ، ئېنېرگىيە سانائىتىنى ئىگىلىك باشقۇرۇش مەركىزى، بايلىققا ئېرىشىش ۋە ئۇنى ئايلاندۇرۇشنى يۆنىلىش قىلغان كەسپىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. كېيىنكى مەزگىلدە، شىركىتىمىز يەنە ئېنېرگىيە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز پايدىلىنىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھازىرقى كەسىپ ئەندىزىسى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆمۈرچىلىكتە يېشىل ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇپ، تەبىئىي گاز كەسپىنى گەۋدىلىك راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىگە دەل ۋاقتىدا كىرىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئاچىدۇ.

  شىنجاڭ ‹‹گۇاڭخۇي›› سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ چياڭ مۇنداق دېدى: ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا پاكىز، يېتەرلىك ئېنېرگىيە ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، تېخنىكا سەۋىيەسىنى، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى بولۇپ قالدى.

  ھازىر ‹‹گۇاڭخۇي›› ئېنېرگىيە پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى پېيى بازارغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيە شىركىتىگە ئايلاندى. شىركەتنىڭ بۇ يىل 1 – پەسىلدىكى ساپ پايدىسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى %1552 تىن ئېشىپ %1618 كە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  يېشىل ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايون 2017 – يىلى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيەدە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا سىجىل كۈچەپ، دۆلەتنىڭ ‹‹ئۈچ بازا، بىر يول›› ىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە كەسپىنى شىنجاڭنىڭ مۇھىم تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېنېرگىيە ئىدارىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زامانىۋى ئېنېرگىيەنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىل يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى سىجىل زورايتىپ، ئېنېرگىيە ئېچىشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك ئېنېرگىيە مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىدۇ. مايتاغ، ئۈرۈمچى، قاراماي، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم دەرياسى نېفىت خىمىيە بازىسى قاتارلىق مىليون توننىلىق چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشكەن بازىلارنى نۇقتىلىق قۇرۇپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدىكى بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىشتا يەرلىككە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزىدۇ.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايون دىققەتنى ئېنېرگىيە ئىسلاھاتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە نېفىت – گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاراماي شىنجاڭ نېفىت – گاز سودا مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى تېزلىتىدۇ، توك تەقسىملەش تور كەسپى سىناق نۇقتسىنى تەرتىپلىك كۆپەيتىپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە بازىرى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، فوتوۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.