تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارنىڭ «بېيىش ئارزۇسى»نى كۈچەيتتى

دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئەتراپى يېزىسى بىيجاۋ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ خۇڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 160 مو يەرگە كەتىرا تېرىماقتا.

  ئۆز خەۋىرىمىز: 2017-يىلى دۆربىلجىن ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك تۈرلىرىنىڭ بىرلا خىل بوغما ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، دېھقانلارنى چوغلۇق، چۈچۈكبۇيا، ئوسما يىلتىزى، چوڭ باشاقلىق قىزىل گۈل، سىلبوم گۈلى، گۈل چېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تېرىشقا يېتەكلەپ، ناھىيەدىكى 240 مىڭ مو يەردىكى ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى بىر يولنى ئاچتى. دۆربىلجىن ناھىيەسى بۇ يىل ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 300 مىڭ موغا كۆپەيتىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 600 مىڭ مودىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنىڭ «بېيىش ئارزۇسى»نى ئۇلغايتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى