تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالىدى

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››، ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىنتىزام ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ۋە ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەپ تۈزۈش ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ئېلان قىلىندى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››، ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىنتىزام ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ۋە ‹‹جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سەپ تۈزۈش ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› (ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئورتاق ئۇستاپ دەپ ئاتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئورتاق ئۇستاپتا شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ‹‹بەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش›› ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولۇشتەك يېڭى ئەندىزىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى ھەر قايسى تەرەپلەردە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دەۋرىيلىكى، ئىلمىيلىكى، توغرىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلدى، ئۇ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ قۇرۇشنىڭ ئاساسىي نىزامى ۋە بارلىق ھەربىيلەر ئورتاق رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت مىزانىدۇر. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئورتاق ئۇستاپنىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى يېڭى تارىخىي پەللىدە جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئارمىيە قىلىپ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىچكى ئىشلار ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ئەسلىدىكى 21 باب، 420 ماددىدىن 15 باب، 325 ماددىغا تەڭشىلىپ، ئىچكى ئىشلار قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەت ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە ئۇرۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى، يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى تەلەپ كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئارمىيەدىكى ئورۇنلارنىڭ ئاتىلىشى ۋە ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى تەڭشەپ قېلىپلاشتۇرۇلدى، كۈندىلىك ئۇرۇش تەييارلىقى، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقىنى باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇنى، تەلىپى تولۇقلاندى؛ قاتتىق باشقۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، كۆچمە تېلېفون، ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش، ھەربىيلەرنىڭ قىياپىتى، ئىستىلى، ئىنتىزامى، ھەربىي بايراقنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، خادىملارنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، ھەربىيلەرنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش، يېڭى تاراتقۇلارنى ئىشلىتىش قاتارلىق ھەرىكەت ئۆلچەملىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى؛ ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، خادىملارنىڭ سىرتقا چىقىش نىسبىتى ۋە گازارمىدا قونۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر تەڭشەلدى، مەشىقتە يارىلىنىشتىن ساقلىنىش، ھەربىيلەر دەم ئېلىپ داۋالىنىش، پىسخىك مەسلىھەت سوراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلەپلەر يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئىنتىزام ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)››ئەسلىدىكى يەتتە باب، 179 ماددىدىن ئون باب، 262 ماددىغا تەڭشەلدى، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە ئۇرۇش قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، ئۇرۇش قىلىش ئىنتىزامى، مەشىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، تۇرمۇش ئىنتىزامى قاتارلىق ئون جەھەتتىكى ئىنتىزامنىڭ مەزمۇن، تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇش، ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى، مۇھىم ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى مۇكاپاتلاش شەرتلىرى تولۇقلاندى؛ تەقدىرلەشنى باشقۇرۇش ئۆلچەملىرى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، تەقدىرلەش تۈرلىرى، تەستىقلاش ھوقۇق چېكى، ۋاقىت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆلچەم چىقىرىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەقدىرلەش بىلەن مۇكاپاتلاشنى چېتىشقا مۇناسىۋەتلىك ماددا بىكار قىلىندى؛ سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قائىدىگە خىلاپ ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش، ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش، مەشىق، مانېۋىر ۋە ئىمتىھان ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، مۇھىم تەدبىرلەردە سەۋەنلىك كۆرۈلۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى جازالاش شەرتلىرى تولۇقلاندى؛ مۇكاپاتلاش – جازالاش تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش، مۇكاپاتلاش – جازالاش ھوقۇق چېكى ۋە بېجىرىش تارماقلىرى تەڭشەلدى، مۇكاپاتلاش – جازالاشتىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى ۋە بەلگىلىمىسى كۆپەيتىلدى.

   يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹سەپ تۈزۈش ئۇستاپى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)›› ئەسلىدىكى 11 باب، 71 ماددىدىن ئون باب، 89 ماددىغا تەڭشەلدى، كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ جاسارىتىگە يەنىمۇ ئىلھام بېرىش، ئارمىيەمىزنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىش، ۋەتەننى ۋە ئارمىيەنى قىزغىن سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، قەسەم بېرىش، تەشكىللەپ قۇرۇش، زەپەر قۇچۇش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق 14 خىل مۇراسىم يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، تۈرلۈك مۇراسىملارنىڭ ۋاقتى، مەيدانى، تەرتىپى ۋە تەلەپلىرى قېلىپلاشتۇرۇلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ ھەربىي پارات پائالىيىتىنى تەشكىللەش تەرتىپى، چاسا ئەترەتنىڭ سەپ شەكلى، ھەرىكەت ئاساسىي قائىدىسى تەڭشەلدى ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى؛ سەپ تۈزۈش تۇرمۇشىنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى ۋە قورال – ياراغ ئىشلىتىش ئۆلچىمى تەڭشەلدى، گازارما دەرۋازىسىدىكى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى قاتارلىق مەزمۇنلار بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى