تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

‹‹شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئائىت بايانلىرىدىن تاللانمىلار›› ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئائىت بايانلىرىدىن تاللانمىلار›› ناملىق كىتاب يېقىندا مەركەز ھۆججەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا تارقىتىلدى.

  ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم پىرىنسىپى، دەپ تەكىتلەندى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى يىراقنى كۆزلىگەن، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە ۋە يېڭى مەنزىلگە كۆتۈردى، ئۇ يېڭى دەۋر دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئائىت مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش پۈتۈن پارتىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ‹‹شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىغا ئائىت بايانلىرىدىن تاللانمىلار›› ناملىق كىتاب جەمئىي تۆت مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش؛ نۇقتىلىق ساھەلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش؛ ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش. كىتابقا 450 ئابزاس كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ 2012 – يىلى 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە ئېلان قىلغان سۆز، دوكلات، سۆھبەت، يوليورۇق، تەستىق، تەبرىك خېتى قاتارلىق 180 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن تاللاپ ئېلىنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.