تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرەيلى

 ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (3)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  تارىخ ئەزەلدىن كونا ئەنئەنىگە ئېسىلىۋالىدىغان، ھازىرقى ھالەتتىن قانائەت قىلىدىغانلارغا ئېتىبار بەرمەيدۇ، پۇرسەت دادىل يېڭىلىق يارىتىدىغان، مەڭگۈ قانائەت قىلمايدىغانلارغا مەنسۇپ.

  ‹‹خەينەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەپەككۇرىنى يېڭىلاپ، كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى نامايەندىسىگە ئايلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك››.خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەننىڭ پۈتۈن ئارالدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشىنى، تەدرىجىي ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشىنى، قەدەم – باسقۇچ بويىچە ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسى ئورنىتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى. خەينەننىڭ ئىسلاھات – تەرەققىياتى يەنە بىر گۈزەل باھارنى كۈتۈۋالدى. ‹‹تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش›› خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل جۇڭگونىڭ يېڭى كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا گۈللەنگەن خەينەننىڭ چېگرادىكى بىر ئارالدىن تەرەققىي قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلىنىشى دەل ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتكەنلىكى، 30 يىلدىن بۇيان دادىل ئىزدىنىپ، ئىلگىرىلەپ يول ئاچقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ھازىر خەينەننىڭ تەرەققىياتى يېڭى زور تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، پۈتۈن ئارالنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ قۇرۇلۇشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەندىن ئىبارەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ‹‹تەجرىبە ئېتىزى››نى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدۇر؛ ئەركىن سودا پورتىدىن ئىبارەت ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئېچىۋېتىش ھالىتى دەۋر خەينەنگە يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچتۇر. تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىناق رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمالى مەركىزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مۇلازىمەت كاپالىتى رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىۋاتقان خەينەن چوقۇم جۇڭگو خىسلىتى، جۇڭگو سالاپىتى، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان چىرايلىق ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىدۇ.

  تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە، جەزمەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئېچىۋېتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەينەن تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى؛ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولاي تىجارەت – سودا مۇھىتى ۋە ئادىل، ئوچۇق، بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بازار مۇھىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئېچىۋېتىش قاتلىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تىجارەت – سودا مۇھىتى تېخىمۇ ئەلا، تەسىر كۆرسىتىش رولى تېخىمۇ كۈچلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى پەللىسى بەرپا قىلىپ، 21 – ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا قەدەم ئېلىشى كېرەك.

  تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشتە، جەزمەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىشكە كۈچەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ھازىر ئىسلاھات يەنە يېڭى تارىخىي ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى. ئىسلاھاتتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دۆلەت ئىچىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەش ھەم چەت ئەللەرنىڭ پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش، ھەم دادىل ئىزدىنىپ ھەم پۇختا بولۇپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆرنەك قىلىشقا، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبىلەرنى كۆپرەك توپلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات قەدىمىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، قىيىنلىق دەرىجىسى 40 يىل ئىلگىرىكىدىن قېلىشمايدۇ، جەزمەن دادىل، ئەستايىدىل تېگىش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەشتە يەنە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ سىستېمىلىق جۇغلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، تېخىمۇ پىشقان، تېخىمۇ تۇراقلاشقان تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  خەينەن قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەت ئېلىمىزنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى پەللىسىدە ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىشتىكى مۇھىم قوللانما. جۇڭگو خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتى، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. جۇڭگو يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى نامايەندىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلغۇسى، يېڭى تۆھپە قوشقۇسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى