تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالىغاندىن كېيىن ئادەم نېمىشقا چارچايدۇ؟

ماتېرىيال سۈرەت

    كونىلاردا «يىڭنە سانجىپ، لوڭقا قويغاندا كېسەلنىڭ يېرىمى ساقىيىدۇ» دەيدىغان گەپ. لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش جۇڭيى تېبابىتىدىكى بىر خىل ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بىئاراملىق ۋە چارچاشنى تۈگىتىپ، بەدەننى تەڭشەيدۇ، كىشىلەر لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالىغاندىن كېيىن راھەت ھېس قىلىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بەزى ئوقۇرمەنلەر لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ئىنتايىن چارچاش ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟

ماتېرىيال سۈرەت

    بېيجىڭ جۇڭيى تېبابىتى ئۇنىۋېرسىتېتى دۇڭجىمىن دوختۇرخانىسى  يىڭنە سانجىپ داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ما لىشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدىغان ۋاسىتە بولۇپ، دائىرىلىك قان قېيىش ئارقىلىق يەل ھەيدەپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئاغرىق توختىتىدۇ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ. ئەمما لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالىغاندا تۈك تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، ياڭچى (جۇڭيىدا) ئاسان سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولمىسا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئادەمنى چارچىتىپ، سوغۇقتىن قورقىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ھەتتا كوللاپس (قانسىراش، سۇسىزلىنىش، زەھەرلىنىش، يۇقۇملۇق كېسەل بىلەن ئاغرىش نەتىجىسىدە يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشنىڭ ئۇشتۇمتۇت زەئىپلىشىشى) قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇدىر ۋىراچ ما لىشىن تۆۋەندىكىدەك كۆرسەتمە بەردى:

ماتېرىيال سۈرەت

    بىرىنچى، لوڭقا قويغۇزغان ۋاقىت 5-10 مىنۇتقىچە بولۇش كېرەك. ئەسلىدىنلا قان يېتىشمەسلىك ئەھۋالى بارلار لوڭقا قويۇش ۋاقتىنى بەش مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۆزىنى چارچىتىۋالىدۇ.

    ئىككىنچى، سىيرىپ داۋالىغاندا ئازراق سىيرىغان ئىز كۆرۈلسىلا كۇپايە، كۈچەپ سىيرىپ قىزارتىۋېتىشكە بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى، لوڭقا قويۇپ ۋە سىيرىپ داۋالاش كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى، لوڭقا ئىزى ۋە سىيرىلغان ئىز يوقاپ كەتكەندە ھەپتىدە بىر قېتىم قىلىش كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆتىنچى، بەدىنى ئاجىز، جىگەر ۋە بۆرىكىدە مەسىلە بارلار، دىيابېتلار ۋە تېرە ئاستى ئاسانلا قانايدىغانلار لوڭقا قويدۇرۇپ، سىيرىپ داۋالاشقا ماس كەلمەيدۇ.

    بەشىنچى، قورساق توق ۋە ئاچ ھالەتتە ھەمدە قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن لوڭقا قويدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر لوڭقا قويدۇرغان بولسا شۇ ھامان يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ، ئارىلىقتا ئىككى سائەت ئۆتكۈزۈش كېرەك.

    ئالتىنچى، تۇنجى قېتىم لوڭقا قويدۇرغاندا دوختۇرخانىغا بېرىپ كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ قالايمىقان لوڭقا قويدۇرماسلىق كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى