تەڭرىتاغ تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن)يىغىنىدا رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا كەلگەنلىكى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە شىنجاڭ خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، سۆزدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى سىڭدۈرۈلگەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، روھىي ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەپ بىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ تەڭداشسىز دانا، توغرىلىقىنى تولۇق تونۇپ، باش نىشاننى قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى ۋە يېتەكچىسى قىلىپ، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە تىرىشىش كېرەك.

  ئىككىنچى، بىرىكمە مۇشتنى داۋاملىق ياخشى ئېتىپ، دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باش نىشاننى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق نۇقتىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، ئەسكەر، خەلق ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان ياخشى مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە ھەمتۈرتكە بولۇش››نى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ›› ۋە ‹‹بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك ياخشى تەدبىر، مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈم يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ››نى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن قەرزنى پائال، مۇۋاپىق تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ – خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش؛ تېگى – تەكتى، يولى، مەسئۇلىيىتى، مەبلىغى ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، 2020 – يىلى ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كۆك نامراتلىقنى تۈگىتىشكە، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ قىزىل سىزىق، تۆۋەن چەكنى قاتتىق ساقلاپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش؛ مۇقىملىق نەتىجىلىرىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇش؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ، تۈرلۈك كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى دائىملاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كۆپ قاتلام، تۈرلۈك ئۇسۇل، تۈرلۈك شەكىلدە بېرىش – كېلىش قىلىشقا يېتەكلەپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  بەشىنچى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە تەتقىقاتى توغرىسىدىكى سۆھبەت مۇھىم خاتىرىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرنى پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغداپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى پائال كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دەيدىغان ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش، بىڭتۈەنگە قانۇن بويىچە ھوقۇق بېرىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  توققۇزىنچى، دەل جايىدا بولۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. ‹‹ئىككىدە غەمدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش، بىرگە يېقىنلىشىش››نى زىچ چۆرىدەپ، ھەم ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىپ سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈپ چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش؛ ھەم ئالدىراقسانلىق قىلماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، دىققەتنى ئېغىر نامراتلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئونىنچى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەپلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ئون بىرىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، كادىرلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش›› مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى قەتئىي بوشاشماي ياخشىلاپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  يىغىندا ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2017 – يىللىق ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتى ئۈنۈمىنى باھالاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى›› يەتكۈزۈلدى، ‹‹شىنجاڭنىڭ پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى››، ‹‹يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹يېزىلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى