تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنىدە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ « قىرغۇچى- 10» ناملىق ئايروپىلانى خەلق ئاممىسىغا قالتىس ماھارەت كۆرسەتتى

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «1-ئاۋغۇست» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى 3-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى ئېچىۋېتىش مەشىقىدە « قىرغۇچى- 10» ناملىق ئايروپىلاندا سەپ تۈزۈپ ئۇچۇپ ماھارەت كۆرسەتمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: «بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇش ماھارىتى دۈشمەننىڭ بىر ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ» ـــــ ئەينى يىلى جۇ ئېنلەي زۇڭلى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «1-ئاۋغۇست» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتىگە يۇقىرىقىدەك سەمىمىي بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن ئىدى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «1-ئاۋغۇست» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى 1-قېتىملىق ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنىدە ئېچىۋېتىش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئاممىسىغا قالتىس ماھارەتلەرنى كۆرسەتتى.

    باھار يامغۇرىدىن كېيىنكى شىمالىي جۇڭگو مەلۇم ھەربىي ئايرودۇرۇمىدا كۆپكۆك ئاسماندا قۇياش چاقناپ، بۇلۇتلار مەيىن شامالدا ئۈزۈپ يۈرەتتى. سائەت 11:00 لەردە ئايروپىلان موتورىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك كۈچلۈك ئاۋازى بىلەن تەڭ قىزىل، ئاق، كۆك رەڭلەر بىلەن سىرلانغان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ «قىرغۇچى- 10» ناملىق ئالتە ئايروپىلانى نۆۋەت بويىچە توختىتىلغان ئورنىدىن كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ماھارەت كۆرسىتىشنى باشلىۋەتتى.

  (ليۇ چۇەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى