تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ كۈچنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ۋاڭ ياڭ ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
    ۋاڭ ياڭ 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ خوتەن، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە بىرىنچى سەپتە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم كۆپ قېتىم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭدا ئومۇمىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت شەكىللىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى كۆرۈنەرلىك تىزگىنلەندى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا ياخشى ئاساس سېلىندى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.
    ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش، ھەم كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاساس سالىدىغان، نېگىزىدىن باشقۇرىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. ئالاقىدار سىياسەتلەر ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان تەدبىرلەرنى قانداق قىلىپ دائىملاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. بايراق روشەن ھالدا توغرا ئىدىيە ۋە پىكىرلەرنى قوللاپ، بايراق روشەن ھالدا ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› قاتارلىق خاتا ئىدىيەلەرگە رەددىيە بېرىپ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، ئادالەتنى ياقلاپ، رەزىللىكنى يوقىتىپ، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەۋى جامائەت پىكرى ۋە مەدەنىيەت بازىسىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى، شىنجاڭنى سۆيۈش، جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىستىلدا دۇرۇس، ئىنتىزامدا چىڭ كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك.
    ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بىڭتۈەن ئىسلاھاتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، بىڭتۈەننىڭ جەنۇبقا تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش، بىڭتۈەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشكە ۋە بىڭتۈەننىڭ فۇنكسىيەسى، ئورنىغا پايدىلىق تۈزۈلمە  – مېخانىزمنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، بىڭتۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
    ۋاڭ ياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە يەنە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى.
    مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى داگاڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن نيەنشيۇ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ جىڭلىن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۇڭفۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيىتىگە ياكى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.                       

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى