تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ مەقسىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك

  پېڭ فېي

  يېقىندىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قاراپ چىقىپ تەستىقلىغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى قارارى» جامائەت پىكرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى تارىخىنى پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش تارىخى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. 1982- يىلىدىكى كادىرلار قوشۇنىنى ياشلاشتۇرۇشتىن 1988- يىلى تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكىچە؛ 1993- يىلىدىكى «سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىگە ماس كېلىدىغان مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىش»تىن 2008- يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرىنى بىرىكتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشكىچە بولغان جەرياندا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە بۇرۇلۇشنى تاماملىدى ھەم پۇقرالارنى كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات سەھنىسى بىلەن تەمىنلەپ، تۇرمۇش كاپالەت ئاساسىنى پۇختىلىدى. 2013- يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلەت يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئاۋامنىڭ دىققىتىنى تارتتى. تورداشلار: قورساق تويغۇدەك يېيىشتىن تېخىمۇ سۈپەتلىك ياخشى يېيىشكە بۇرۇلغان مەزگىلدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تولىمۇ ئۇدۇل كەلدى، دەپ باھا بېرىشتى. بۇنداق ئۇدۇل كېلىش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق بولماستىن، بەلكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى.

  ئەگەر ئىسلاھات بىر ئاچقۇچقا ئوخشىتىلسا، ئوخشىمىغان دەۋردە بۇ ئاچقۇچ ئاچىدىغان قۇلۇپمۇ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى قىسمەن دائىرىلىك تەڭشەش توختاپ قالغىنى يوق. رەقەم دەۋرىدىكى بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن مەركەز تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى؛ ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ئۈچۈن دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ۋەزىپە ئېغىر، پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى كۈچلۈك، بەش يىلدىن بۇيانقى ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، قىيىن نۇقتىنى چۆرىدەش ئارقىلىقلا ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا يېڭىلىقلار ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، شەخسلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قانداق قوغداش كېرەك؟ چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقان شارائىتتا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ قولاي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟ تارقاق ھەم ئاجىز تەبىئىي بايلىقلارنى قانداق قىلىپ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قوغداپ ئەۋلادلار ئۈچۈن ئېسىل تەبىئىي مۇھىت قالدۇرغىلى بولىدۇ؟ يېڭى دەۋردە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چوقۇم ئاپپارات ئىسلاھاتى ئارقىلىق تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىش كېرەك.

  بۇ يىل 1- ئايدا مەركەز ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يىغىنىدا جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ «بىر قېتىمدىلا ئىشنى بېجىرىپ بولۇش» ئىسلاھاتى قىزغىن مۇلاھىزە قىلىندى؛ «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە «بىر قېتىمدىلا ئىشنى بېجىرىپ بولۇش» ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمەلىيەتتە، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ياخشىلاش، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى خەلق ئاممىسىغا يۈزلەندۈرۈشتەك كىچىك ئىشلارمۇ ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئاساسىي قاتلامدا تارماقلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، كۆپ تارماقلارنىڭ بايلىقىنى بىرىكتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كۆزنىكى قۇرۇش ئارقىلىقلا «بىرلا ئىشىكتىن مېڭىش»، «بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ بولۇش» شوئارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۇقرالارغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، پۇقرالارغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىسلاھات بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر.

  1978- يىلى «ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىناشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى» دېگەن شوئار بىلەن ئىسلاھاتنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى؛ 40 يىلدىن كېيىن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىسلاھاتنىڭ يېڭى دولقۇنىنى قوزغىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا «خەلق قايسى جەھەتتە بەختلىك ھېس قىلمىسا، خۇشال بولمىسا، رازى بولمىسا، بىز جەزمەن شۇ جەھەتكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز، بار ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يەنە بىر قېتىم يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىدا تۈزۈم قاتلىمىدىكى ماكرولۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەركەز قىلىنىدۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت پۇقرالارنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش، بۇ، ئىسلاھاتنىڭ غەلىبىسىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پىرىنسىپ، 40 يىلدىن بۇيان بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتىدا يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاش بىر قېتىملىق ئىنقىلاب ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر بۇ ئىنقىلابنى ئېلىپ بارمىساق خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيمىز. بۈگۈنكى يېڭى دەۋردە ئاپپارات ئىسلاھاتى يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويدى، بۇ، ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ۋە ئۇنىڭدىن ھالقىش، شۇنداقلا كەڭ دائىرىدە ئورتاق كۆز قاراشلارنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىق ئىچىدە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان بىر قېتىملىق ئىزدىنىش ھېسابلىنىدۇ. خەلق ئاممىسىغا گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىسلاھات قەدىمى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ، تىرىشچانلىق ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

  نىجات قۇربان تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى