تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭايلى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (1)

‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى


    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تەدبىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.
    ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، سەۋىيەلىك قۇرۇش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلۇشىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى ياخشى قۇرۇشقا بولغان ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، يېڭى دەۋردە، يېڭى پەللىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ قايتا يولغا چىقىشىغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.
    تارىخ ھامان بەزى ئالاھىدە يىللاردا كىشىلەرگە ئەقىل – پاراسەت، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ئاتا قىلىپ كەلدى. بۇ يىل ئېلىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. 30 يىلدىن بۇيان، خەينەننىڭ ئاساسلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى ئون نەچچە ھەسسە، ھەتتا 100 ھەسسە ئېشىپ، چېگرا رايون دېڭىز ئارىلىدىن تەرەققىي قىلىپ ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. خەينەن ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان تارىخىي ئۆزگىرىشى، قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. 40 يىلدىن بۇيان، يېزىدىن شەھەرگىچە، سىناق نۇقتىدىن ئومۇملاشتۇرۇشقىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، پارتىيەمىز خەلقنى يېتەكلەپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى باشلاش مۇساپىسىدە جۇڭگو يولىنى ئېچىپ، جۇڭگو ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ‹‹دەۋرگە يېتىشىش››تىن ‹‹دەۋرگە باشلامچىلىق قىلىش››تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى يېزىپ چىقتى.
    خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇساپە  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى؛ مەيلى نېمىنى ئۆزگەرتىش، قەيەرگىچە ئۆزگەرتىش بولسۇن، ھەممىسىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىلگىرىلىشىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا داغدام قەدەم تاشلاپ دەۋرگە يېتىشىشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى ئىكەنلىكىنى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى؛ خەلقنىڭ ئىسلاھاتنىڭ سۇبيېكتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.
    ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ. بۇ، توغرا يول، دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ بىر مەيدان يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب بىزگە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئۆزىنى ئۆزى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك جۇڭگونى دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرگۈزدى. بۇ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى، دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش  ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلغاچقا ۋە راۋاجلاندۇرغاچقا، بىز دۇنيا بويىچە 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، قەد كۆتۈرۈپ، بېيىشتىن تارتىپ قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ، خەلقنى بېيىتىش يولى، دەل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 700 مىليوندىن كۆپرەك نامرات نوپۇسنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ زور كۆلەمدىكى ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ قىس بولۇشتىن يېتەرلىك بولۇشىغا، نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
    باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن خەينەن ئارىلىدا ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇشنى، خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشى توغرىسىدا تەدرىجىي ئىزدىنىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاپ، ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈلمە سىستېمىسىنى باسقۇچقا، قەدەمگە بۆلۈپ قۇرۇشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپكە ئاساسەن، يول ئېچىشقا، سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، دادىل باشلامچى بولۇش، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشتەك ئالاھىدە رايون روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت بىلەن ئىسلاھاتنى توختاۋسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشنى توختىتىپ قويمىغاندىلا جۇڭگو خەلقى جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا بارغانسېرى ئىشەنچكە تولۇپ، بارغانسېرى ئىپتىخارلىنىدۇ.


    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى