تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى يارىتىشىنى قوللايدۇ

شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆزقىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ جانلىق ئۈلگىسى يارىتىشىنى قوللايدۇ

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى خەينەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سارىيىدا خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش مۇساپىسىدە ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوننى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، سەۋىيەلىك قۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادىي رايون ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ياخشى ئىگىلەپ، داۋاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم كۆزنىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تەجرىبە سۇپىسى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ يول ئاچقۇچىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىسى بولۇشى كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە، خەينەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەپەككۇرنى يېڭىلاپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەۋزەللىكنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۈلگىسى بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا ‹‹خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتتى. خەينەندىكى بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى پۇختىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى ۋە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۈرەكلىك ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەجرىبە رايونى، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەجرىبە رايونى، خەلقئارا ساياھەت ئىستېمال مەركىزى، دۆلەت زور ئىستراتېگىيە مۇلازىمەت كاپالەت رايونىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ جانلىق ئۈلگىسىنى يارىتىشنى، خەينەننىڭ جۇڭگونىڭ سالاپىتى، جۇڭگونىڭ سۈپىتى، جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان گۈزەل ئىسىم كارتىسىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
    يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ئېلىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. بۈگۈن، بىزنىڭ بۇ يەردە تەنتەنىلىك يىغىلىپ، خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىشىمىزدىكى مەقسەت ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى پەللىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان زور تەدبىرى. 40 يىلدىن بۇيان، شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېن، خەينەندىن ئىبارەت بەش ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون بۇرچىنى ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى جەريانىدا باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك سەلتەنەتلىك سەھىپىنى پۈتۈپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەريانىدا ‹‹تەجرىبە ئېتىزى››لىق رولىنى، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە مۇھىم ‹‹كۆزنەك››لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. خەينەن قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شەكىللەنگەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەينەن ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئۆزگىچە، مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نىسبەتەن مۇستەقىل بولغان جۇغراپىيەلىك بىرلىك بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەجرىبە ئېتىزى بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە. خەينەن ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ۋە مۇھىم رولغا ئىگە. خەينەن ئېچىۋېتىشنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ پائال، ئاكتىپ ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن خەينەن ئارىلىدا ئەركىن سودا تەجرىبە رايونى قۇرۇشىنى قوللاپ، خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش توغرىسىدا تەدرىجىي ئىزدىنىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاپ، ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى ۋە تۈزۈلمە سىستېمىسىنى باسقۇچقا، قەدەمگە بۆلۈپ قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىر تۇتاش مۇلاھىزە قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ چىقارغان زور تەدبىرى، ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىشتىكى زور تەدبىرى. خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشتا جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىشى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىشى، خەينەننىڭ تەرەققىيات ئورنىغا ماس كېلىشى، خەلقئارا ئەركىن سودا پورتىنىڭ ئىلغار تىجارەت ئۇسۇلى، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشى، ئۆرنەك قىلىشى كېرەك. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەينەنگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەينەن ئىسلاھاتنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى نۇقسانلارنى زور كۈچ بىلەن تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى سىستېمىلىق توپلاشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەپ، شەھەر – يېزا يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمى، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمىسى، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەينەندە خەلقئارا ئېنېرگىيە، دېڭىز قاتنىشى، كۆپ مىقدارلىق تاۋار، مۈلۈك ھوقۇقى، پاي ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى قاتارلىق سودا بازىرى تەسىس قىلىشنى قوللاپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇلغان تۈزۈلمە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي بايلىقنى ئىلمىي تەقسىملەپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭىچە ئىزدىنىشى كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەينەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەملىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپى ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاقە تورى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يول باشلاش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دۆلەتنىڭ نەنفەن پەن تەتقىقات سورت يېتىشتۈرۈش بازىسى (خەينەن) قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىك پەن مەركىزىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. دۆلەت خەينەننىڭ بىر تۈركۈم زور پەن تەتقىقات بازىسى ئەسلىھەسى ۋە شارائىت سۇپىسى قۇرۇشىنى قوللاپ، بوشلۇق پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەلىك پەللىسىنى بەرپا قىلىپ، خەينەن خەلقئارالىق چەت ئەللىكلەر يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تەسىس قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك، ئالاقە تورى، داۋالىنىش، ساقلىقنى ساقلاش، پۇل مۇئامىلە، كۆرگەزمە قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، مۇلازىمەت سودىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتچان ئىقتىسادنى ئاساس قىلغان كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەنى تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەينەندىن دۇنيادىكى ئاساسلىق خېرىدار مەنبەسىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىش كېرەك. تېخىمۇ ئوچۇق ۋە قولايلىق بولغان ئارال سىرتىنىڭ باج كەچۈرۈم قىلىنغان مال سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئارال سىرتىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىسسىق بەلباغنىڭ ئۆزگىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى زورايتىپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىسسىق بەلباغ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك بازىسىنى يارىتىش كېرەك. ئىنسانلار بىلەن دېڭىزنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىدەك تەرەققىيات يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، دېڭىز – ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەينەننىڭ زامانىۋى دېڭىز – ئوكيان باقمىچىلىقىنى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، چوڭقۇر دېڭىز پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەينەن تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالدىن يولغا قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىشلىرىدا باشلامچى بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەننىڭ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك تەجرىبە رايونى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەجرىبە توپلىشىنى قوللايدۇ. ئەڭ كەسكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورنىتىپ، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمە سىناق نۇقتىسىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىسسىق بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنى قاتارلىق دۆلەت باغچىسىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قاتتىق قوغداپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز بىر تۇتاش پىلانلانغان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتىكى رايون ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى تەسىس قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەينەن خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، يېزىلارنى قاپلاش، قىيىنچىلىقى بارلارغا مايىل بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىشى كېرەك. خەينەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئىلغار پەن تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، مەملىكەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپ ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ خەينەندە شۆبە ئاپپارات تەسىس قىلىشى، شۇنداقلا خەينەننىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈشىگە ئىلھام بېرىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، خەينەننىڭ خەلقئارالىق ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، چەت ئەللىك ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونلىرىدىكى تېخنىكا ماھارەت خادىملىرىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە خەينەندە ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلىپ، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن مۇنەۋۋەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەينەندە قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك. خەينەننىڭ چەت ئەللىك يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشقا ئائىت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىشىنى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنى خەينەندە ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش جەھەتتىكى تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، مەسىلىنى ئويلاپ، ئىش بېجىرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە دادىللىق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، سىياسىينى تەكىتلەش، ئومۇمىيەتنى كۆزلەش، قائىدىگە ئەمەل قىلىش جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا ناچار كەيپىياتنىڭ پارتىيە ئىچى تۇرمۇشىنى چىرىتىشىنى توسۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى يارىتىش كېرەك.
    تەبرىكلەش يىغىنىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چوڭقۇر دېڭىز ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئورنى تەجرىبىخانىسىنىڭ قۇراشتۇرۇش ئىشچىسى جوۋ خاۋ، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ سىگۈي، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. خەينەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شېن شياۋمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
    دېڭ شۆشياڭ، ليۇ خې يىغىنغا قاتناشتى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، باشقا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى، خەينەنلىك جۇڭگو چياۋمىنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، خەينەن ئۆلكىسىدىكى ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.