تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا، تېخىمۇ كەڭ نەزەردە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، گۈزەل يېڭى خەينەن قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەتلىك ‹‹نەنفەن›› پەن-تېخنىكا ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسىدا ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا خادىملىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، شال يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق ئىشلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە خەينەن ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەيكوۋ شەھىرى شيۇيىڭ رايونى شىشەن بازىرىنىڭ شىچا كەنتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خەينەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇن، تېخىمۇ كەڭ نەزەر، تېخىمۇ زور سالماقلىق بىلەن پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون، خەلقئارالىق ساياھەت ئارىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، گۈزەل يېڭى خەينەن قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك.

    4 – ئايدىكى خەينەن يېشىللىققا پۈركەنگەن، ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ سىگۈي، ئۆلكە باشلىقى شېن شياۋمىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ چيۇڭخەي، سەنيا، خەيكوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا – كەنتلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مەركىزىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
    4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بوئاۋ يۆچېڭ خەلقئارالىق داۋالاش ۋە ساياھەتچىلىكتىكى باشلامچى رايون يىرىك پىلان كۆرگەزمە زالىغا كېلىپ، باشلامچى رايون فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنى ۋە يىرىك پىلانىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ماگنىتلىق كونترول قىلىش كاپسۇل ئاشقازان ئەينىكى ماشىنا ئادىمى قاتارلىق ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹ئىككى 100 يىل›› لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتا ساغلاملىقمۇ تەڭ يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ساغلاملىقتىن ئايرىلالمايدۇ. ساغلاملىق ئىشلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەڭ پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
    4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سەنيا شەھىرىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى چوڭقۇر دېڭىز ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ، پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. خەينەن ئۆلكىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسم دېڭىز – ئوكيان كۆلىمىنى باشقۇرىدىغان بولۇپ، چوڭقۇر دېڭىزغا كىرىش، چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش، چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قانات يايدۇرۇش، تەتقىق قىلىش جەھەتتە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. بۇ تەتقىقات ئورنى خەينەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە قۇرغان چوڭقۇر دېڭىز پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئاپپاراتى. شى جىنپىڭ ئېلىمىزنىڭ چوڭقۇر دېڭىز ئىلمى تەتقىقاتى ۋە تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم مارىئانا دېڭىز خەندىكىنىڭ 10 مىڭ مېتىر دەرىجىلىك دېڭىز ئاستىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى قىسقا فىلىمدىن كۆردى ھەمدە ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ۋە خۇشال ھالدا چوڭقۇر دېڭىزنى تەكشۈرۈش جابدۇقلىرى كۆرگەزمە رايونىغا كىرىپ، ھەر خىل چوڭقۇر دېڭىز چۆكمە تېخنىكا جابدۇقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ‹‹دېڭىز يەتىكەن يۇلتۇزى›› ناملىق ئادەمسىز سۇ ئاستى ئەسۋابى، ‹‹دېڭىز قانىتى›› ناملىق چوڭقۇر دېڭىز پىلانېرى، ‹‹ئالەمنىڭ چېتى›› ناملىق چوڭقۇر قونۇش ئەسۋابى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىزنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شى جىنپىڭ مارىئانا دېڭىز خەندىكىنىڭ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىن ئېلىنغان دېڭىز سۈيىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى تەپسىلىي كۆردى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭقۇر چۆكۈش ئارقىلىق لەيلىتىش كۈچىلىك ماتېرىيالىنى كۆتۈرۈپ دەڭسەپ باقتى. ‹‹چوڭقۇر دېڭىز باتۇرى›› ناملىق ئادەملىك سۇغا چۆكۈش ئەسۋابىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى خۇ جېن ۋە غەۋۋاس قوشۇنىدىكىلەر كېلىپ شى جىنپىڭنى ئورىۋالدى، باش شۇجى ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلاردىن چوڭقۇر دېڭىز ئاستىغا چۆككەندىكى ھېسسىياتىنى ۋە ئەسۋابلارنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى، سىناق قىلىنىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز دېڭىز – ئوكيان چوڭ دۆلىتى بولۇپ، دېڭىز تەۋەلىك كۆلىمى ئىنتايىن كەڭ. چوقۇم دېڭىز – ئوكيانغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. خەينەن چوڭقۇر دېڭىز تەتقىقاتى ۋە تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تەبىئىي بازىسى، بۇ ئەۋزەل بايلىقتىن چوقۇم ئوبدان پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر دېڭىز تەتقىقات بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، چوڭقۇر دېڭىز پەن – تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئېلىمىز دېڭىز – ئوكيان پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
    شى جىنپىڭ تەتقىقات ئورنىدىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ئارقا – ئارقىدىن كېلىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى ۋەتەننىڭ پەن – تېخنىكا تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، پەن تەتقىقات بىلەن ئەمەلىي قوللىنىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
    ئارقىدىن، شى جىنپىڭ 30 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىماي، دۆلەت ‹‹نەنفەن›› ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسىغا كەلدى. خەينەن ئېلىمىزدىكى زىرائەت ئۇرۇقى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بازا. ھەر يىلى قىش، ئەتىيازدا، مىڭلىغان ئالىم، تېخنىكلار مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرىدۇ، ئۇرۇق ئىشلەيدۇ. شى جىنپىڭ ئېتىز قىرىنى بويلاپ مېڭىپ، ‹‹ئادەتتىن تاشقىرى مىڭ نومۇرلۇق›› ئەلا دەرىجىلىك شاللىققا كېلىپ، شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، ئاكادېمىك يۈەن لۇڭپىڭ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا خادىملىرى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، شال يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق ئىشلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېڭەيتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ئېلىمىز پەن تەتقىقات خادىملىرى يېتىشتۈرگەن ئەلا دەرىجىلىك شالغۇت شال سورتىنىڭ نەچچە قېتىم دۇنيا بويىچە شال بىرلىك ھوسۇلىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇش بولدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 1 مىلياردتىن كۆپ كىشى تاماق يېيىشى كېرەك، بۇ، ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئەھۋالى. ئۇرۇقلۇق  ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئېسىل سورتلارنى يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە مەنبەدىن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەينەننىڭ ئىسسىق بەلباغ يېزا ئىگىلىك بايلىقى ناھايىتى مول، ناھايىتى قىممەتلىك. دۆلەت ‹‹نەنفەن›› ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى ئېلىمىزنىڭ قىممەتلىك يېزا ئىگىلىك ئىلمىي تەتقىقات سەھنىسى، ئىلمىي تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، پەن – تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان ‹‹نەنفەن كىرېمنىي جىلغىسى››نى جەزمەن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
    4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەيكوۋ شەھىرىدىكى خەينەن ئۆلكىلىك مۇزېيغا كېلىپ، خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغانلىقى، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. نۇرغۇن سۈرەت، گىرافىك، بۇيۇملاردا خەينەننىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بايان قىلىنغان. شى جىنپىڭ ئارىلاپ توختاپ كۆرۈپ، ماڭغاچ سوراپ، خەينەن ئۆلكىسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇساپىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش  شوئار توۋلاش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، يولغا قويغىلى بولىدىغان ئۈنۈملۈك كونكرېت تەدبىرلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئۇ كۆپچىلىككە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: خەينەن ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغان، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىنغان 30 يىلدىن بۇيان، ئانچە تەرەققىي قىلمىغان چېگرا رايوندىكى ئارالدىن تەرەققىي قىلىپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ۋە جۇڭگو، چەت ئەلگە داڭلىق خەلقئارا ساياھەت ئارىلىغا ئايلاندى. خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەينەننى ئۆلكە قىلىپ قۇرۇپ، ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش تەدبىرىنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بىز تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، پەيتنى تۇتۇپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى پەللىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. خەينەن جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئېكولوگىيەلىك ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزمدا كۈچەپ يېڭىلىق يارىتىپ ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، گۈزەل خەينەننىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشى كېرەك.
    مۇزېينىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇش سارىيىدا خەينەننىڭ سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دەيدىغان ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا قولغا كەلتۈرگەن خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرسىتىلگەنىدى. شى جىنپىڭ ئىسسىق بەلباغ دېڭىز – ئوكيان ئارىلى ھايۋانات – ئۆسۈملۈكلەر تۈرى گېن ئامبىرىدىكى ئەۋرىشكىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ، خەينەننىڭ ھاۋا سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئانالىزىنى ئاڭلاپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشتىكى ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىر تارىخىي تۆھپە. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل، ئاسمىنى كۆك بولۇش خەينەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەۋزەللىكى ۋە ئەڭ چوڭ دەسمايىسى، سېتىۋالغىلى ھەم ئارىيەت ئالغىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق، بۇنى بۇزۇۋەتكەندە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.   ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى خەينەننى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ مەۋقەسى قىلىپ، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دېڭىزدىكى بۇ بوستانلىق ۋە بىپايان، پاكىز، كۆك دېڭىز سۈيىگە ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.
    خەينەن ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرى مۇزېي ئىشىكى ئالدىدىكى مەيداندا باش شۇجىنى قىزغىن ئالقىش ساداسى بىلەن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ يولداشلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىكتىن ئەھۋال سورىدى.
    شى جىنپىڭ مۇزېيدىن ئايرىلىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە كەلدى. ئۇ سانلىق مەلۇمات مەركىزى زالىغا كىرىپ، غايەت زور ئېكران ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە ‹‹تۈرلۈك قائىدىلەرنى بىرلەشتۈرۈش›› قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي قوللىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم چوڭ زالغا بېرىپ، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان ھەم نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ساياھەت، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللىنىشچان كۆرسەتمىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ھۆكۈمەت چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇپ، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، بىخەتەر بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، جامائەت مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەمئىيەت ھالىتى، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، ئالاقە  يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ، كۆڭلىدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. خەينەننىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشىدا پائال ئىزدىنىپ، تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    چۈشكە يېقىن، شى جىنپىڭ ئاپتاپقا قارىماي، خەيكوۋ شەھىرىنىڭ شيۇيىڭ رايونى شىشەن بازىرى شىچا كەنتىگە كېلىپ، دېھقانلار ئاممىسىنى يوقلىدى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ كەنت خەينەن ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى ئەڭ ئېگىز يانارتاغنىڭ باغرىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى تەبىئىي شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن كەنتتە كەسىپلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى يوق ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ئاممىنى يېتەكلەپ دېندروب ئوتى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىراق – يېقىنغا داڭلىق يانار تاغ جىنىسلىرى ئالاقە تورى تېرىقچىلىقىدىكى چولپان كەنتكە ئايلاندى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كەنت تەزكىرىسى سارىيىدا، شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ سوئال سوراپ تۇردى. بۇ كەنتنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باشلامچى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ‹‹كارخانا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى›› ئەندىزىسىدەك  بېيىش يولىنى تاپقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇڭ يىچيەن كەنتتە زەھەر چېكىدىغان، ئۇرۇش – جېدەل قىلىدىغان، ئەرز – شىكايەت قىلىدىغانلارنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقاندا، شى جىنپىڭ: بۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، دەپ ماختىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ تاش تاختا يولنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، شىچا كەنتىدىكى يانار تاغ دېندروب ئوتى باغچىسىغا كەلدى، ئۇ ماڭغاچ كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسىنىڭ دېندروب ئوتىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق پۈركۈپ سۇغىرىش سىستېمىسى، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. باغچىدا ئىشلەۋاتقان بىر نەچچە كەنت ئاھالىسى ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىنى ئورىۋېلىپ ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىغا ئىشىكىنىڭ ئالدىدىلا دېندروب ئوتى باغچىسىنىڭ بارلىقىنى، سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭمۇ قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ھەر ئايدا مائاش تارقىتىلىدىغانلىقىنى، يىل ئاخىرىدا يەرنى پاي قىلىپ قوشقانلىقىغا پايدا ئايرىلىدىغانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، شەھەر ۋە يېزا – كەنتلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىمى كەسىپنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ بايلىقى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى، سەھرا ساياھەتچىلىكى، ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ ۋە قوللاپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى دېھقانلارنى يېتەكلەپ ئورتاق بېيىشتىكى تايانچ ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلىنىشى كېرەك.
    كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. ئالقىش سادالىرى يېزىنىڭ كەڭ ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
    دېڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.             

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى