جۇمۇلاڭما چوققىسى خۇالۈ ئېكولوگىيە دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 200 مىڭ توننا ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى دانچىلاشتۇرۇش سېخىدا، ئىشچىلار ئورگانىك ئوغۇت دانچىسىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
شىزاڭ جۇمۇلاڭما چوققىسى خۇالۈ ئېكولوگىيە دېھقانچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 200 مىڭ توننا ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى يېقىندا شىزاڭ رېكازې شەھىرى بەيلاڭ ناھىيەسى گادۇڭ بازىرى ئورگانىك كەسپى رايونىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى . بۇ تۈر « باشلامچى كارخانا + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقانلار » تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئاساس قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق شۇ جايدىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.