تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

داغ يوقۇتۇش چاپلىقىنى ئائىلىدە ياساش ئۇسۇلى

    قارا شىكەر يۈز چاپلىقى
    ماتېرىيال: قارا شىكەر 30 گرام، مېنېرال سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
    ياساش ئۇسۇلى: قارا شىكەرگە مېنېرال سۇنى قۇيۇپ، سۇس ئوتتا ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىمىز.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سوۋۇتىۋالغاندىن كېيىن، يۈزدىكى داغ بار ئورۇنغا تەكشى سۈرۈپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن پاكىز يۇيۇۋەتسەكلا بولىدۇ.

داغۇر داڭگۇيى (白芷)

    داغۇر داڭگۇيى (白芷) يۈز چاپلىقى
    ماتېرىيال: داغۇر داڭگۇيى (كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى داغۇر داڭگۇيىنىڭ يىلتىزى) بىلەن ئاق پارپا (خەنزۇچە نامى 白附子، چايانئوت ئائىلىسى دۇجياۋليەننىڭ تۈگۈنەك غولى) نىڭ ھەر قايسىسىدىن 10 گرام.
    ياساش ئۇسۇلى: ئىزىپ تالقان ھالەتكە كەلتۈرۈۋالغاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ ۋە ھەسەل قۇيۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

ئاق پارپا (白附子)

    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۈزنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، بىۋاسىتە يۈزگە سۈرۈپ 20 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇۋەتسەك بولىدۇ.
    رولى: داغ-سەپكۈننى يوقۇتۇپ، تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى تېزلىتىپ، تېرىنى پارقىراق قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى