تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئۇ ھەمراھىڭىز، دۈشمىنىڭىز ئەمەس

    يول قويۇشنى بىلمىگەن ئايال مېھرىبان ئايال بولالمايدۇ، ئەلۋەتتە بەختلىك تۇرمۇشقىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان ئادەم يېڭىلگۈچى بولۇشقا رازىكى، ھەرگىز ئۆزى سۆيىدىغان كىشىنى مەغلۇب قىلمايدۇ. ئۇنى مەغلۇب قىلىپ نېمىگە ئېرىشمەكچىسىز؟ مۇھەببەت كەڭ قورساقلىق دېمەكتۇر. قارشى تەرەپكە يول قويسىڭىز ئۇنىڭمۇ كەڭ قورساق، مۇلايىم بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە دۈشمەن ئەمەس، شۇڭا تىركىشىشنى توختىتىڭ.

    كىشىلەر ھەمىشە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى، ئايالىغا، شېرىكىگە يول قويمىغان ئەرنى نامەرد، ئىقتىدارسىز ئەر دەيدۇ. ئوخشاشلا جورىسىغا يول قويۇشنى بىلمىگەن ئايالمۇ مۇلايىم، مېھرىبان جۈملىسىدىن سانىلالمايدۇ، بەختكىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. يەنە بەزىلەر خىزمەتداشلىرى، دوستلىرىغا يول قويالايدىيۇ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا يول قويالمايدۇ، ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىپ، ئائىلە كەيپىياتىنى بۇزۇپ قويىدۇ.
    بەزىلەر ئەر-خوتۇن ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىۋاستە ئىپادىلىشى كېرەك، دېيىشىدۇ. بۇ جۈملە كۆپىنچە ئەھۋالدا توغرا ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھېس-تۇيغۇلىرىنى بىۋاستە ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلەشمۇ مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە ئورۇندا بولۇشى كېرەك، بولمىسا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئېلىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئاچچىقلانسام مۇۋاپىق بولامدۇ؟ كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلەمدىم؟ دېگەنلەرنى ئويلاش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە بىر ئاز ۋاقىت بېرىپ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقىش كېرەك. بەزى ئىشلاردا بىر قەدەم چېكىنىش تېخىمۇ ياخشى نەتىجە ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
    ھاياتىڭىزدا سۆيۈشنى خالايدىغان ئادىمىڭىز ۋە ياكى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان سىزگە ھەمدەم بولۇۋاتقان قەدىناسىڭىز بولسا، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىدىم، دېمەستىن، كەڭ قورساق بولۇڭ. «يېڭىلگۈچى» بولۇشمۇ بىر بەخت.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى