تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاۋىياتىسيە لىنىيەسى 24 كە يەتتى

  مۇخبىرىمىز جىڭ لىجۈن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 14:50 ئۆتكەندە خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پاڭبادى CRJ-900 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا قوندى. 75 مىنۇت ئىلگىرى بۇ ئايروپىلان يولۇچىلارنى ئېلىپ كورلا ئايرودۇرۇمىدىن تۇنجى ئۇچۇش سەپىرىنى باشلىغانىدى، بۇنىڭ بىلەن كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ بۇ يىل ئېچىلغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 24 كە يېتىپ، قاتناش نۇقتىلىرى 20 گە كۆپەيدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئاۋىياتىسيە لىنىيەسىدە ھەر ھەپتىنىڭ ئىككىسى، تۆتى، ئالتىسى پاڭبادى CRJ-900 تىپلىق ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. كونكرېت نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە ئىكەن. يەنى، G54331-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 13:35 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:50 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن. G54332-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 21:45 ئۆتكەندە ئاقسۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:55 ئۆتكەندە كورلا ئايرودۇرۇمىغا قونىدىكەن.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كورلا ئايرودۇرۇمىدا جەمئىي 24 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغان بولۇپ، قاتناش نۇقتىسى 20گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي خۇڭچياۋ، گۇاڭجۇ، جىڭجۇ، چىڭدۇ، چۇڭچىڭ، شىئەن، لەنجۇ، خاڭجۇ، تيەنجىن، چىڭداۋدىن ئىبارەت شىنجاڭ سىرتىدىكى قاتناش نۇقتىسى 11 گە يەتكەن. شىنجاڭ ئىچىدىكى قاتناش نۇقتىسى ئۈرۈمچى، قەشقەر، قاراماي، غۇلجا، چەرچەن، چاقىلىق، تۇرپان، بورتالا، ئاقسۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

  نۆۋەتتە، جەمئىي توققۇز ئاۋىياتسىيە شىركىتى كورلا ئاۋىياتسىيە بازىرىدا تىجارەت باشلىغان بولۇپ، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كۈندىلىك قاتناش مىقدارى 27 نۆۋەتكە يەتكۈزۈلدى. خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەلىرىنىڭ شەھەرلەرگە كىرىشى خەلق ئاممىسىنى ئەڭ قولايلىق بولغان ھاۋا قاتناش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى كۆپ خىل تاللاشقا ئىگە قىلىپلا قالماي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. كورلا ئايرودۇرۇمى بۇرۇنقىدەكلا ئاۋىياتسىيە مۇلازىمىتىنى ئاممىۋى قاتناشلاشتۇرۇش، ئاممىبابلاشتۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئويناپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قولاي، تېز، غەم-ئەندىشىسىز سەپەرگە چىقىشىغا شارائىت ھازىرلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى