تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

قوبۇقسار ناھىيەسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: قوبۇقسار ناھىيەسى مۆتىگې يېزىسى توباچ كەنتىدىكى كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تۇغقانلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتتە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى بىللە ئۆگىنىش، ئائىلە بويىچە جەم بولۇپ تاماق يېيىش، بىر ناخشىنى تەڭ ئېيتىش ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى قوبۇقسار ناھىيەلىك پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ توباچ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ھەربىر كادىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن ئائىلە بويىچە سۈرەتكە چۈشۈپ، بۇ قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدىكى خۇشال پەيتلەردىن خاتىرە قالدۇرۇپلا قالماي، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»تىن ئىبارەت قېرىنداشلىق مېھرىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملىدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار تۇغقانلىرىنى دائىم يوقلاپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ تۇرغاچقا، دەسلەپكى ناتونۇشلۇق تۇيغۇسىدىن ئەسەرمۇ قالمىدى، بۇ قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەربىر تۇغقىنى سەھنىگە چىقىپ ناخشا ئېيتتى، ئۇسسۇل ئوينىدى، تۆۋەندە ئولتۇرغانلار خۇشال بولۇپ ئالقىش ياڭراتتى. تۇغقانلارنىڭ ئاۋازلىرى، ئالقىش سادالىرى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. ئاخىرىدا بارلىق تۇغقانلار بىرلىكتە مەشرەپكە چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى