4-ئاينىڭ 10-كۈنى، مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسۋان ئۆلكىسىنىڭ بىنبەن يورۇقلۇق ۋولت سانائەت رايونىدا ئىشچىلار جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئالغان ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قاتناشقان تۇنجى يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش قۇرۇلۇش مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: مىسىر بىنبەن يورۇقلۇق ۋولت سانائەت رايونىدىكى جۇڭگو كارخانىسى ھۆددىگە ئالغان ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قاتناشقان تۇنجى يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسۋان ئۆلكىسىنىڭ بىنبەندە ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ تۈرنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە پاي چەك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، گېنېراتور سىغىمچانلىقى 186 مېگاۋاتقا يەتتى. تۈر تۇرۇشلۇق مىسىر بىنبەن يورۇقلۇق ۋولت سانائەت رايونىنىڭ قۇراشتۇرۇش سىغىمچانلىقى 2019-يىلى 2000 مېگاۋاتقا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپى رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇشىدا ئۈمىد بار.