تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئاتا مۇھەببىتىنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم رولى

ماتېرىيال سۈرەت

    كۆپىنچە ئاتىلار بالا تەربىيەلەشنى ئانىنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، ئۆزىنىڭ ئاتىلىق مەسئۇلىيىتىگە سەل قارايدۇ. ئۇلار بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشىش، شۇنداقلا بالىغا بولغان ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەسى قاتارلىقلارنى ئانىغىلا ئىتتىرىپ قويۇپ، ئۆز خىزمىتى بىلەنلا ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، بالىسىنىڭ ئەھۋاللىرىنى چۈشەنمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان ئاتىلار: پۇل تېپىپ ئۇنى باقسام، ئويناتساملا بولمىدىمۇ، يەنە قانداق قىلسام بولاتتى، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتا مۇھەببىتى ماددىي بۇيۇمدىلا ئىپادىلەنمەسلىكى، مۇھىمى مەنىۋى جەھەتتە ۋە ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىنىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر قىسىم ئاتىلار بالىلارنى تەربىيەلىگەن چاغدا كۆپىنچە قوپال مۇئامىلىدە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالا بىلەن دوستانە  مۇئامىلىدە بولغاننىڭ بالا تەربىيەلەشتە پايدىسى زور. مۇقەررەركى، ئاتا بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ. قىسمەن ئۆيلەردە ئانا ئۆزى يالغۇز بالا تەربىيەلەيدۇ، قايتا توي قىلسام بالىغا بېسىم ئېلىپ كېلىمەن دەپ ئويلاپ توي قىلمايدۇ، ياكى توي قىلىشتىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش. پىسخولوگلار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ئەگەر ئاتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش رولى كەمچىل بولسا، ئوغۇللاردا قىزلارغا خاس مىجەزنىڭ يېتىلىپ قالىدىغانلىقىنى، قىزلار بولسا چوڭراق ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى قورقىدىغان، ئەرلەرگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. بالا 7-6 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئاتا بالىنى كۆپرەك ئوينىتىشى، بولۇپمۇ ئوغلى بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك يېقىنلىشىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئوغلى ئەرلەرنىڭ ھەرىكەت ئۇسۇلىنى دورايدۇ ۋە ئۆگىنىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاجراشقان ئانىلار ئېرىگە بولغان ئاغرىنىشى ۋە ئۆچمەنلىكىنى ئىختىيارسىز بالىلارغا سىڭدۈرۈپ، بالىلارنىڭ يۇمران قەلبىدە داغ قالدۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە، جورا تاللاش قارىشىغا ۋە نىكاھ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر ئاتا بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن ئالدىراش بولغاچقا، دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئارام ئالمايتتى. ئادەتتىمۇ ئۆيگە كەچرەك كېلەتتى. ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتى بەك ئاز ئىدى. نەتىجىدە بالا 12 ياشقا كىرگەندە مۇئەللىم ئۇنىڭ گەپ قىلىش، ياسىنىشلىرىنىڭ قىزلارغا ئوخشاپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. ئاتا-ئانىسى گېنىدا مەسىلە كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىغان. ئەمەلىيەتتە ئاتا مۇھەببىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ئۇنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان. قىز بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاتىلار بەك قاتتىق قول بولماسلىقى، ياكى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش خاراكتېرىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا بالىلاردا ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزىنى سۆيۈش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئاتا مۇھەببىتى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئاتىلار بالىلارنى قانداق تەربىيەلەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى