تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

كورلا كۆنچى دەرياسى: ھاياتلىق سۈيى

   ئۆز خەۋىرىمىز: 2018-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆنچى دەرياسى كورلا شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتۈپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى لوپنۇر كۆلىگە قاراپ ئاقماقتا.

  2018-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. كۆنچى دەرياسىنىڭ 1-سۇ تەقسىملەش تۈگۈن چۈشۈرگۈسىنىڭ ئورنى كورلا شەھىرىدە. كۆنچى دەرياسى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئانا دەرياسى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولغان بولۇپ، باغراش كۆلىدىن باشلىنىپ، كورلا شەھىرى، لوپنۇر ناھىيەسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، ئاخىرىدا دۇنياغا داڭلىق بولغان لوپنۇر كۆلىگە قويۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 942 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەنكى ئېقىنى بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى دەريا قىرغىقى چۆل ئورمىنى بىرلىكتە داڭلىق «تارىم دەرياسى يېشىل كارىدورى» شەكىللەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ھالدا قۇرۇققۇم ۋە تەكلىماكاندىن ئىبارەت ئىككى قۇملۇقنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىنى توسىدى. 2015-يىلىدىن باشلاپ بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇدا ئۈچ يىل كۆنچى دەرياسى ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، جەمئىي 273 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردى. ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش ئارقىلىق، كۆنچى دەرياسى ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى يەر ئاستى سۇ ئورنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىنىپ،  توغراق ئورمان ئېكولوگىيەسىنىڭ تەبىئىي ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى ھەم ياخشىلاندى.

(چۆ خۇرى فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى