تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا 2018-يىلىنىڭ 1-پەسلىدە 461 مىڭ ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۆز خەۋىرىمىز: 2018-يىلى 1-پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 461 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، يىللىق ۋەزىپىنىڭ %17 ى تاماملاندى. ئۇنىڭ ئىچىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 404 مىڭ ئادەم ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ %87 ىنى ئىگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدە يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى.

  مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى 1-پەسىلدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايوننىڭ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەسىدىكى 41 مىڭ نامرات ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن بىر يىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق 40 مىڭ نامراتنى يۆلەش ۋەزىپىسىنىڭ %102.5 ى تاماملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرلەر 23 مىڭ 410 ئادەم، ئاياللار 17 مىڭ 590 ئادەم؛ ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 28 مىڭ 319 ئادەم، ئاپتونوم رايون ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 8490 ئادەم، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2742 ئادەم، بىڭتۈەنگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 1449 ئادەمگە يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى داۋاملىق 22 ئېغىر نامرات ناھىيە (شەھەر) دىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نوپۇس ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئەمگەكچىلەرگە قارىتىپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ئاتلاپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىڭتۈەنگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر-بازار، كارخانا، باغچا رايونى، «كىچىك زاۋۇت» لار، «يېزا-بازار ئىش مەيدانى»غا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش، مىكرو، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىشىغا ھەمدەم بولۇش ئارقىلىق، ئۈچ يىل ئىچىدە 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2018-يىلنىڭ ئۆزىدىلا 40 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر باشقارمىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى پەرھات تۇرسۇن مۇنداق دېدى : بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامرات نوپۇسلار غا قارىتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نىشان-ۋەزىپىسى تاماملاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدا يەنە نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئاز دېگەندە بىر ئەمگەك كۈچىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىدىن بىرنى ئىگىلىتىش، يېزىلاردىكى بىرمۇ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشمىغان نامرات ئائىلىلەردىكى ئاز دېگەندەك بىر ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى