تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئېلىمىز كوماندىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىدە ئاسىيا بويىچە 6-ئورۇندا تۇردى

  شىنخۇا ئاگېتنلىقى، كۇئالالۇمپۇر، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى. خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭى بىر قارارلىق دۆلەت كوماندىلىرى رەت تەرتىپنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ شۇ كۈنى 2019-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىپ دەرىجىگە ئايرىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ئېلىمىز كوماندىسى رەت تەرتىپتە ئاسىيا بويىچە 6-ئورۇندا تۇردى.

  2019-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ئىلگىرىكى 16 كوماندىدىن 24 كوماندىغا كۆپەيدى. ئېلىمىز كوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونى بويىچە 12 كۈچلۈك كوماندىنى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كوماندىلار بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە بىۋاسىتە ئېرىشتى، قالغان 12 كوماندىمۇ تاللاش مۇسابىقىسى ئارقىلىق تاللىنىپ چىقتى.

  خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپتە ئېلىمىز كوماندىسى خەلقئارا بويىچە 73-ئورۇندا، ئاسىيا بويىچە ئىران كوماندىسى، ئاۋسترالىيە كوماندىسى، ياپونىيە كوماندىسى، كورېيە كوماندىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسىدىن كېيىن 6-ئورۇندا تۇردى.

  3-ئايلىق رەت تەرتىپتە ئېلىمىز كوماندىسى ئاسىيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرغان ئىدى. لېكىن نەننىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو لوڭقىسى خەلقئارا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن، رەت تەرتىپتە سەئۇدى ئەرەبىستانى كوماندىسىنىڭ كەينىدە قالدى.

  2019-يىللىق ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى