ئۆز خەۋىرىمىز: ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ دۈرە بازىرى ئۈشكەرىش كەنتىدىكى « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت « ئىككى كومىتېتى » 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلىكتە بوران-چاپقۇنغا قارىماي، يول ياساش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ياللاپ، ئۈشكەرىش كەنتىدىن دۈرە بازىرىغا بارىدىغان يول يۈزىنى رېمونت قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قار-مۇزلارنىڭ ئېرىشى ۋە يامغۇر يېغىشى بىلەن، بۇ يولنىڭ بەزى يول بۆلەكلىرى بۇزۇلۇپ، پاتقاقلىشىپ، يول يۈزى تارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يول يۈزىنى رېمونت قىلمىغانلىقتىن، يول يۈزى ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ قالغان. ھەر يىلى 3-، 4-ئايلاردا قار-مۇزلار ئېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىغا نۇرغۇنلىغان قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.
كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋاللارنى ئىگەللىگەندىن كېيىن، تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، بىر كۈنلۈك تىرىشىش ئارقىلىق يول يۈزلىرىنى رېمونت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.