تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ھەر ۋاقىت يار-يۆلەك ئۇرۇق-تۇغقانلار

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ تۇغقانلاشقان كادىرى يۈەن لۇجۈن (ئوڭدىن 2-كىشى) قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى دۆڭ قىشلاق كەنتىدە تۇغقىنى ھاشىم سوپۇر (سولدىن 1-كىشى) بىلەن ئېتىز ئىشلىرىنى قىلماقتا.

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى دۆڭ قىشلاق كەنتىدە بىر مەيدان ئېتىز قىرىنى يۆلەش مۇسابىقىسى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتكۈزۈلدى، كەنت ئاھالىسى ھاشىم سوپۇر ۋە ئۇنىڭ تۇغقىنى يۈەن لۇجۈن ۋە يەنە باشقا ئىككى تۇغقانلاشقان كادىر ئېتىزنى بويلاپ تۈز سىزىق بويىچە گۈرجەكلىرىنى پۇلاڭلىتىقىنىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى، شۇ كۈنى ئېتىز بېشى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەنىدى.

  بۇ مۇسابىقە كۆپچىلىكىنىڭ ئەمگەك قىلىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى، قاش قارايغان چاغدا، ھاشىم سوپۇر بەش مو كۆلەمدىكى كېۋەزلىكىنىڭ قىرلىرىنى تۇرغۇزۇپ بولغان ئىدى. پاختا يېڭىشەھەر ناھىيەسى دۆڭ قىشلاق كەنتىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى زىرائىتى، شۇنداقلا نامرات ئاھالە ھاشىم سوپۇر ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك كىرىم مەنبەسى. ھاشىم سوپۇرنىڭ تۇغقىنى يۈەن لۇجۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كادىرى بولۇپ، پاختىنىڭ ھاشىم بىر ئائىلە كىشىلىرىگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى.

  ئەتىيازلىق يەر ئاغدۇرۇش يېقىنلاشقانسېرى، يۈەن لۇجۈن ھاشىمنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن غەم يەۋاتاتتى. قانداق ئۇرۇق سېتىۋېلىش، ئوغۇت ئورگانىكمۇ ئەمەسمۇ، قاچان يەر ئاغدۇرۇپ ئۇرۇق سېلىش كېرەك... يۈەن لۇجۈن ھاشىم سوپۇرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇسىغا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەندى. ئۇ ھاشىم سوپۇرنىڭ مۇشۇ ھەپتىدە يەر ئاغدۇرۇپ، قىر تۇرغۇزۇپ ئۇرۇق سالماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، يەڭنى راسا تۈرۈپ ئېتىز ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە تەييارلاندى.

  تۇتاش كەتكەن ئېتىزلىقنى ماشىنىدا ئاغدۇرۇپ، ئۇرۇق سالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئېتىزنىڭ چەت بۇلۇڭلىرى ۋە كىچىك پارچە يەرلىرىگە ئادەم كۈچى بولمىسا بولمايتتى. تۇپراقنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يۈەن لۇجۈن ھاشىم سوپۇرغا ياردەملىشىپ بۇلۇڭ يەرلەرنى رەتلەپ، كېۋەز تېرىشنى قارار قىلدى، ئېتىز قىرىنى تۇرغۇزۇش بولسا 1-قەدەم ئىدى.

  ئېتىز قىرىنى تۇرغۇزۇش مۇسابىقىسىدىن كېيىن، يۈەن لۇجۈن تەرلىرىنى سۈرتكەچ: ئەتىلا ئۇرۇق سالغىلى بولىدىغان بولدى،-دېدى.

  يۈەن لۇجۈن ئېتىز بېشىدا يېڭىلا ئاغدۇرۇلغان يەرلەرگە قاراپ ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىدىن كۆڭلى خۇش بولۇۋاتاتتى. بۇلتۇز كۈز، ئۇنىڭ ياردىمىدە ھاشىم سوپۇر ئائىلىسى پاختىدىن مول ھوسۇل ئالدى. بۇ يىل ئەتىيازدا، يۈەن لۇجۈن ھاشىم سوپۇرغا كېۋەز تېرىش تېخنىكىسىغا ئائىت كىتابلارنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ھاشىم سوپۇر ئائىلىسىنىڭ بۇ يىلمۇ پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتمەكتە ئىدى. تۇغقانلاشقان كادىرلارنىڭ تۇغقانلىرىغا ھەمراھ بولۇۋاتقانلىقىغا بىردەمدىلا بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. بۇ بىر يىل ئىچىدە، يۈەن لۇجۈن بىلەن ھاشىم سوپۇر ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىردىن بولۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، قەلب رىشتىسى چىڭىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى