ماتېرىيال سۈرەت
ئۈچەي راكى بولسا ئەنگلىيە ئەرلىرى گىرىپتار بولىدىغان ئۈچ چوڭ راك كېسىلىنىڭ بىرى، ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ بايقىشىچە، بەزى ئەرلەرنىڭ بۇ خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۇزۇن ئولتۇرۇش بىلەن ئۈچەي راكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن لوندون ئىمپىېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 500 مىڭ ئادەمنىڭ سالامەتلىك سانلىق مەلۇماتىنى تۆت يىل تەھلىل قىلغان.
ماتېرىيال سۈرەت
نەتىجىدە تېلېۋىزورنى كۈنىگە تۆت سائەت كۆرىدىغان ئەرلەرنىڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ تېلېۋىزورنى كۈنىگە بىر سائەت ئاز كۆرىدىغان ئەرلەرگە قارىغاندا %35 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەمما ئۇزۇن ئولتۇرىدىغان ئاق ياقىلىقلارغا نىسبەتەن بۇ خىل خەۋپ ئۇنچە يۇقىرى بولمىغان. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى يېقىندا نەشردىن چىققان «ئەنگلىيە راك كېسەللىكلىرى ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان.
ماتېرىيال سۈرەت
فىرانسىيە خەلقئارا راك كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى، دوكتور نېر مۇرفى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ خۇلاسە تېلېۋىزور كۆرۈشنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىنى نامايان قىلدى، چۈنكى كىنو كۆرۈشكە دائىم دېگۈدەك تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېيىشتەك ناچار ئادەتلەر ھەمراھ بولىدۇ. ھاراق-تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىش بىلەن ئۇزاق ئولتۇرۇشمۇ ئادەمنى سەمىرىتىپ، ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.
ماتېرىيال سۈرەت
تەتقىقاتچىلار تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولماسلىق، ئارىلىقتا ئىمكان بار ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ھاراق، تاماكىدىن يىراق تۇرۇپ، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنى كۆپرەك يەپ بېرىش ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت