تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

خىيال سۈرۈش چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكىنىڭ يېقىندىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، كۈندە بىر سائەت چوڭقۇر خىيال سۈرگەندە چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، قېرىغاندىكى تەپەككۇرنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلغىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى داۋس شۆبە مەكتىپىنىڭ پەن تەتقىقات گۇرۇپپىسى 2011-يىلى چوڭقۇر خىيال سۈرۈش توغرىسىدا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا خىيال سۈرۈش مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇر ياش ۋە ياشانغان 60 پىدائىيغا مۇددىتى ئۈچ ئايلىق خىيال سۈرۈش مەشىقى قىلدۇرغان ھەمدە ئۇلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى باھالىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار مۇنداق دېگەن: خىيال سۈرۈش دەرسلىكى ئۇلارنى مەسىلىلەرگە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن يۈزلىنىشنى ئۆگىتىپ، ھېسداشلىق، مۇھەببەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن، ئۇلار دەرسلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 40 پىدائىينى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەتتە يىل جەريانىدا خىيال سۈرۈشكە قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى ئىستاتىستىكىلاپ چىققان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، %85 ئادەم ياخشى ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۈنىگە بىر سائەتتىن كۆپرەك خىيال سۈرگەن ھەمدە ئاز دېگەندىمۇ بىر قېتىم خىيال سۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان. تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئىنكاس سۈرئىتى ۋە دىققەت كۈچىگە يەنە بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بايقىلىشىچە، خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ دىققىتى ئۇزاققىچە سوزۇلغان ھەمدە يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەپ كەتمىگەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا خىيال سۈرۈش مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنىنى تېز سۈرئەتتە تەڭشەپ، تەپەككۇرغا كاشىلا قىلغان ئامىللارنى تۈگىتىپ، دىققەت كۈچىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى، دائىم خىيال سۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى ئېرىقچە قاتلىمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، دىققەت كۈچى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى دەلىللەنگەن . بۇ تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات بولسا يۇقىرىقى بايان ئاساسىدا خىيال سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى