تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

توقسۇ ناھىيەسىدىكى «قوش ئىگىلىك تىكلەش باغچىسى» نامرات ئاممىنىڭ باي بولۇش باغچىسىغا ئايلاندى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سىدىق مىجىت، ۋاڭ لى خەۋىرى: توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق بازىرى نامرات يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «قوش يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى» سۇپىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلارنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىنىڭ «قوش يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى »دىكى كىيىم-كېچەك تىكىش زاۋۇتىدا مۇخبىر شۇ جايدىكى دېھقانلاردىن قوبۇل قىلىنغان 100دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ئىشچى سالامەت ئەيسا مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ يانداق كەنتىدىن بولۇپ، بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى دېھقانچىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، زاۋۇتقا كەلگەن بىر ئايدىن بۇيان، ئايلىق كىرىمىنىڭ 3500 يۈەندىن ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. سالامەت ئەيسا مۇنداق دېدى: «بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ياخشى، تامىقىمۇ ھەقسىز، مەن بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، مەن چوقۇم ياخشى خىزمەت قىلىپ، تىرىشىپ پۇل تېپىپ، ئائىلەمنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايمەن.»

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى تىپىك نامرات يېزا–بازار بولۇپ، بازار تەۋەسىدە 1201 نامرات ئائىلە، 4863 نامرات نوپۇس بار. 2017-يىلى 12-ئايدا، ئىچئېرىق بازىرى «بازار+ كارخانا + نامرات ئائىلە» تىجارەت ئەندىزىسى بويىچە، ئالتە زاۋۇتتا «قوش يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى» قۇرۇشنى پىلانلىغان.

  توقسۇ ناھىيە «شېڭ شۇيۈەن» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جىن شيۇيىڭ مۇنداق دېدى: ئىشچىلار يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن رازى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەر بىر ئىشچىنى ئاۋۋال بىر ئايدىن تەربىيەلەپ، ئاندىن بىزگە تاپشۇرۇپ بەردى. ھازىر بۇ ئىككى سېختا ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 100 مىڭ يۈرۈش كىيىم-كېچەككە زاكاز ئالىمىز.

   توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى تيەن چېن كېيىنكى باسقۇچتىكى جاي كەنتىدىكى «قوش يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى»غا تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ تۈرلىرىنى كىرگۈزۈپ، پۈتۈن بازاردىكى نامرات ئاممىنى تېز سۈرئەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:  بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، «قان بېرىش»نى، «قان ئىشلەپچىقىرىش »شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى كەسپىي ئىشچىغا ئايلاندۇرىمىز. بۇ يىل بىز يەنە ئىككى باقمىچىلىق فېرمىسى سېلىپ، بىرىدە كالا، يەنە بىرىدە كەپتەر باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ئىككى تۈر ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغايمىز. بۇنداق بولغاندا سەككىز زاۋۇتتا بۇ يىل 1000 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى