تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

ناخشا ئېيتالايدىغان يول

ماتېرىيال سۈرەت

  شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ گوللاندىيەنىڭ فىرېسلاند ئۆلكىسىدىكى بىر يېزا تاشيولىدىن ئۆتكەندە ناھايىتى مۇڭلۇق بىر ناخشىنى ئاڭلايدۇ. گەرچە بۇ ناخشا مۇڭلۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەن شوپۇرلار بۇ يولدىن مېڭىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغان. ھەتتا بۇ يولغا كەلگەندە ئەگىلىپ باشقا يولدىن ماڭىدىغان بولغان.

  يېلسۇم كەنتىنى كېسىپ ئۆتكەن 753- ئۆلكە يولى يېنىدا بىر تىكلەپ قويۇلغان تاختاي بولۇپ، تاختىغا: «سىز ناخشا ئېيتالايدىغان يولغا كىرىش ئالىدا تۇرۇۋاتىسىز» دەپ يېزىلغان. شوپۇرلار ئاپتوموبىلنى سائىتىگە 60 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ھەيدەپ بۇتاشيولدىن ماڭغاندا فىرېس تىلىدا ئېيتىلغان مۇڭلۇق ناخشىنى ئاڭلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە تاشيول لايىھەلىگۈچى شوپۇرلارنىڭ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇنى لايىھەلەپ چىققان ئىكەن. گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى فىرېس ئۆلكىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دېگەن: «بۇ لايىھە ھەم كۆڭۈللۈك، ھەم شوپۇرلارنىڭ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى