تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاكامنىڭ ئۆيىدە پادىچى بولدۇم

  سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىن شىمالغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى قۇملۇق بويى چوڭ يولى ھالاكەت قۇملۇق تاشيولى دەپ ئاتىلىدۇ. ھالاكەت قۇملۇق تاشيولىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوڭغۇل-دوڭغۇل، شېغىللىق يولنى بويلاپ ئالدىغا ئۈچ كىلومېتىر ماڭسىڭىز چەكسىز كەتكەن چۆللۈككە كىرىسىز. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، مۇخبىر ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، يەتتە بال غەربىي شىمال بورىنىدا 20 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، ئاخىرى شۇ يەردە تۇرۇشلۇق قابدېلنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى.

  10 يىلنىڭ ئالدىدا، قابدېل سانجى شەھىرى يۈشۇگۇ بازىرى چارۋىچىلىق كەنتىدىن تېخى رەسمىي ئىسىم قويۇلمىغان بۇ ئوتلىقى بار، ئەمما نامى يوق يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، چارۋىچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرگەن ئىدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ كادىرى لۈي دېشىڭ قاتتىق تاللاش نەتىجىسىدە چۆللۈكنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ چارۋىچى ئائىلىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.

  3-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، لۈي دېشىڭ يەنە قابدېلنىڭ ئۆيىدە قونغىلى كەلدى، ئۇ بۇ قېتىم تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىكى ئالدىراشلىققا ئۈلگۈرۈپلا كەلگەن ئىدى، قابدېل ئايالى ئىككىيلەن چارۋىلارنى يايلاققا ئاپىرىپ ئوتلىتاتتى، يەنە تېخى يېڭىلا تۇغۇلغان قوزىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. لۈي دېشىڭ ئىككىلەنمەستىنلا ئاكىسى بىلەن مال باققىلى ماڭدى، بەش كۈن چارۋىلارنى يايلىتىش بىلەن ئۆتتى.

  تۇنجى كۈنى قاش قارايغاندا قابدېل خەنزۇ ئۇكىسى لۈي دېشىڭ بىلەن بەش-ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يايلاقتىن 210 تۇياقتىن ئارتۇق قوينى ھەيدەپ ئۆيگە قايتتى. قابدېلنىڭ ئايالى كۇلاش قوي پادىسى ئىچىدىن ئۈستىدە نومۇر يېزىلغان قوزىلارنى ئېلىپ ئېرىگە سۇندى، قابدېل نومۇرنى ئوقىدى، لۈي دېشىڭ قوزىلار بىلەن ئانا قويلارنىڭ نومۇرىنى سېلىشتۇرۇپ، قوزىلارنىڭ ئانىلىرىنى تېپىشىغا ئەستايىدىللىق بىلەن ياردەملىشىپ، تۇغقانلىرى بىلەن بىللە قوزىلارنىڭ ئانىلىرىنى ئەمگىنىگە قاراپ خۇش بولدى.

  «80 نەچچە تۇياق قوزا تېخى ئەمچەكتىن ئايرىلمىدى، ھەر كۈنى ئەتىگەن چارۋىلارنى باققىلى ئېلىپ ماڭغاندا قوزىلار ھەمىشە تەڭ ئەگىشىدۇ. ئېمىۋاتقان قوزىلار ئوت يېسە بولمايدۇ، بۇنى چوقۇم مۇھاپىزەت قىلىپ ئايرىپ تۇرۇش كېرەك، چوڭ قويلارنى باققىلى ئېلىپ ماڭغاندىن كېيىن قوزىلارنى قوتانغا سولاپ قويىمىز. چۈشتىن كېيىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانا قويلارنىڭ ئۈستىدىكى نومۇر بويىچە قوزىلارنى ئېمىتىمىز. بۇ ئىش بەك ئاۋارىچىلىك، شۇنداقلا سەۋرچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ،-دېدى قابدېل باش بارمىقى بىلەن چارۋىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن كۇلاش ئېرى ۋە تۇغقىنى لۈي دېشىڭنىڭ قولىغا ئىسسىق سۇ بېرىپ، داستىخانلارنى راسلاپ، ئەتكەن چاي تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شۇ كۈنى، قابدېلنىڭ چوڭ قىزى قۇندۇز ئۆيىگە قايتقان ئىدى، ئۇ ھەممەيلەنگە چاي تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، لۈي دېشىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمىدى.

  قابدېل ۋە ئايالى كۇلاش قىزغىن، مېھماندوست، كۆيۈمچان ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ، تۈزۈك مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بۇ ئەر-ئايال ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىككى قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتىنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوقۇشىغا كۈچىنىڭ بارىچە شارائىت ھازىرلاپ كەلگەنىدى.

  لۈي دېشىڭ ۋە قابدېل بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، تۇغقىنىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنىڭ خېلى يامان ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ، بۇ ئائىلىنىڭ ماددىي ياردەمگە ئۇنچە بەك ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى، ئەمما ئۇ بۇ جەرياندا قابدېل ئەر-ئايالنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولمىغانلىقتىن، بالا تەربىيەلەشتە بەزىبىر پاسسىپ ئىدىيەلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇ چۆللۈك بىلەن چەكلىنىپ، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقىنى، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، لۈي دېشىڭ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ۋاقىت چىقىرىپ قابدېلنىڭ ئۆيگە كېلىپ بالىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئىلغار ئىدىيەلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى سىرتتا خىزمەت قىلىش ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا مۇھىم سىياسەت فاڭجېنلار ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىدى. ھەر قانداق ۋاقىتتا بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن تىرىشىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇش ھەققىدە تەربىيە قىلدى.

  بالىلارنىڭ يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى تېز بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لۈي دېشىڭ بالىلارغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، ئىللىق ۋە سەۋرچان بولدى. ئۇنىڭ تەربىيەسى نەتىجىسىدە بۇ ئۈچ بالىنىڭ ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قىزى سانجى سېستىرالار مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپتى، ئىككىنچى قىزى بولسا ئۈرۈمچىدە تىرىشىپ ئوقۇۋاتىدۇ، بۇ يىل 14 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئەركىن مۇشتلىشىش ۋە چېلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 36-ئوتتۇرا مەكتەپكە تاللاندى. ئۈچ پەرزەنتى تىلغا ئېلىنسا ئەر-خوتۇن ئىككىسى خۇشاللىقىدا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشىپ كېتىدۇ.

  نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، قابدېلنىڭ ئوغلى لۈي دېشىڭغا تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: تاغا، مەن نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يازغان ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ھەققىدىكى ماقالەم ئۈلگىلىك ماقالە بولۇپ تاللاندى.

  4-ئاينىڭ 4-كۈنى لۈي دېشىڭ كۆكتات، گۆش قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ، ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ چۈشكە يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى، ئۇ قابدېل ئەر-خوتۇننىڭ شۇنچىكى ئالدىراشلىقىنى كۆرۈپ، ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قوللىرىنى يۇيۇپ تاماق ئېتىشكە كىرىشىپ كەتتى. قابدېلنىڭ قىزى ئۇنىڭ قولىدىن پەرتۇقنى تالىشىپ: تاغا ئەگەر سىز مېنى بىر ئائىلە كىشىلىرى قاتارىدا كۆرسىڭىز، جىيەن قىزىڭىز ئەتكەن تاماققا ئېغىز تېگىپ باقامسىز؟ دەپ، كۆكتاتلارنى يۇيۇپ بىردەمدىلا تاماقنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوخشىغان تاماق ئۈستەلدە ھازىر بولدى. لۈي دېشىڭ جىيەن قىزى ئەتكەن تاماققا ئېغىز تەگكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورىغان قورۇمىلىرىنى ماختىغاچ ئىچ-ئىچىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلىپ قەلبى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى