تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

ئامېرىكىلىق يىگىتنىڭ دىنازاۋۇر دوستى بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرەتلىرى تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى

    ئامېرىكىلىق كېران مۇراي كومپيۇتېردا سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق دىنازاۋۇر قونچىقىنى نەچچە ھەسسە چوڭايتىپ، قىزىقارلىق سۈرەتلەرنى پەيدا قىلغان. ئۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ، دىنازاۋۇر قونچىقىنى ئېلىپ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بارغان ھەمدە بارغانلا يېرىدە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرغان. كېيىن ئۇ  سۈرەتلەرنى سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالىدا بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا چىقارغان. قىسقىغىچە ۋاقىتتا ئۇنىڭ مەستانىلىرى توختىماق ئېشىپ 15 مىڭغا يەتكەن.

    بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن كىران نيۇيوركتا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ چىكاگودىكى بىر ئويۇنچۇق دۇكىنىدىن سەككىز دوللار (تەخمىنەن 50 يۈەن) خەجلەپ بۇ دىنازاۋۇر قونچاقنى سېتىۋالغان ھەمدە بۇ قونچاققا رىيان گودزىلىڭ دەپ ئىسىم قويغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • لياۋنىڭ كوماندىسى CBA نىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى يەڭدى
  • بۇ يىل تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا 1 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇلىدۇ
  • شەرق شامىلى سېتروئىن ئاپتوموبىل شىركىتى C4 AIRCROSS تىپلىق ئاپتوموبىلنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى