تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

تۇغقانلار بىلەن بىللە تېرىلغان ئۈمىد ئۇرۇقى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بىر كېچە ياغقان باھار يامغۇرىدا يەكەن ناھىيەسى ئېلىشقۇ بازىرىنىڭ قاغجىراپ كەتكەن تۇپرىقى نەملىنىپ، گۈزەل كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە نەم تۇپراق ھىدى دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ، ئېتىز باشلىرىدىكى يېشىللىق باھارنىڭ گۈزەل كارتىنىسى نامايان بولدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرى 24-كەنتىدە تۇرۇشلۇق 2-خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خەلق ساقچىسى شۆ لىنىڭ تۇغقىنى ھۆرىگۈلنىڭ يېشىمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇپ، تەن سالامەتلىكىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. يەنە تېخى ئىككى كىچىك نەۋرىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بولۇپ، ئېتىز ئىشىلىرىنى قىلىشقا تازا قۇربى يەتمەيتتى.  ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خەۋەردا بولغان شۆ لى تۇغقىنى ھۆرىگۈلگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

  تۇغقىنى ھۆرىگۈلنىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان ئۈچ خەلق ساقچىسى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە  ھۆرىگۈلنىڭ  تۇغقىنى شۆ لىن بىر نەچچە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرىگۈلنىڭ ئېتىزغا بېرىپ، ئېتىزغا كۆممىقوناق ئۇرۇقى سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇش كەتتى.

  ئۇلار چوڭ-كىچىك كەتمەنلەرنى كۆتۈرۈپ، ئېتىزلىقتا قاتار-قاتار رەتلىك ئورەكچىلەرنى قېزىپ، ئورەكچىلەرگە ئۇرۇق سالدى، ئېتىز بېشى باشقىچە قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. چۈشتىن ئىلگىرى يېرىم كۈندە كۆپچىلىك بىرلىكتە تەر تۆكۈپ ئىشلەپ، بىردەمدىلا بىر خالتا ئۇرۇقنى تېرىپ بولدى. مېھىرلىك قوللىرىنى سۇنغان تۇغقانلىرىنىڭ تەرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ھۆرىگۈل ئۇلارغا ئۇسسۇلۇق سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ تەرلىرىنى سۈرتۈپ، قوللىرىنى چىڭ سىقىمداپ تۇرۇپ: «سىلەر بىلەن بىللە يەرگە ئۇرۇق سېلىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى، ماڭا ياردەم قىلغىنىڭلارغا رەھمەت، بۇ يىل كۆممىقوناقلار چوقۇم ئوخشايدۇ، كۈزلۈك ھوسۇلنى ھەممىمىز بىللە ئېلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى