شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى 2018-يىلنىڭ 1-پەسلىدە نىمكەش ئۆيلەرنى توردا سېتىش توختامى ئىمزالىغان كارخانىلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى «جۇڭخۇەن» ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «جۇڭشىڭ» ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ «خاۋشىياڭ» يۇرت-ماكان ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك چەكلىك شىركىتى نىمكەش ئۆيلەرنى توردا سېتىش توختامى ئىمزالىغان مىقدارى كارخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرگەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 3-ئايغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 13 مىڭ 882 نىمكەش ئۆي سېتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركەتلىرى توردا 5897 نىمكەش ئۆي سېتىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ، تەخمىنەن %42 ىنى ئىگىلىگەن. نىمكەش ئۆيلەرنى توردا سېتىش توختامى ئىمزالىغان ئالدىنقى 10 كارخانا زەنجىرسىمان گۇرۇھ كارخانىلار ھەم شىركەت بىۋاستە باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىن تەركىب تاپقان، كۆلەم جەھەتتىن، بۇ كارخانىلارنىڭ ئاز بولغاندا نەچچە ئون دۇكىنى، كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز دۇكىنى بولۇپ، بۇ دۇكانلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا تارقىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ نىمكەش ئۆيلەرنى ئېلىپ-سېتىشىغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، نىمكەش ئۆيلەرنى توردا سېتىش توختامى ئىمزالاش بولسا نىمكەش ئۆيلەرنى ئېلىپ-ساتقۇچى ئىككى تەرەپ سودا مۇددىئانامىسىنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، تور سىستېمىسى ئارقىلىق « نىمكەش ئۆيلەرنى ئېلىپ-سېتىش توختامى» نى ئىمزالىغان قىلمىشنى كۆرسىتىدىكەن. نىمكەش ئۆي سودىسى جەريانىدا ئۆي ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش، ئېلىپ-سېتىش توختامىنى ئىمزالاش ۋە سودا مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك ۋاستىچىلىك شىركەتلىرى سىستېمىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆينىڭ ھوقۇق ئەھۋالى ۋە تەبىئىي ئەھۋاللىرىنى ۋاقتىدا ئىگەللەپ، رەنىگە قويۇلغان ۋە پېچەتلەنگەن ئۆيلەرنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ۋاقتىدا تۈگىتىدىكەن.