تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا يول قاتناش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

  ئۆز مۇخبىرىمىز فەن گوبىن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە شىنجاڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون مىقياسىدا قاتناش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە مەنبەدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تازىلاش، يول يۈزىدىكى يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى مەركەزلىك تۈزەش، ئاگاھلاندۇرۇش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش، كۆپ تارماق بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش، ئۈچ دەرىجىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق بەش مەيدان قاتناش بىخەتەرلىكىنى تۈزەش «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى» نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، يول بىخەتەرلىكى ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، يول قاتناش تەرتىپى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، قاتناش بىخەتەرلىك ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، زور قاتناش ھادىسىلىرى يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىدۇ.

  شىنجاڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرى مەنبەدىكى بىخەتەرلىك يوچۇقىنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش ئۈچۈن تەۋەلىكتىكى نۇقتىلىق كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوبۇسى، «تىجارەت ئاپتوموبىلىنى تىجارەتسىز ئاپتوموبىلغا ئۆزگەرتكەن» چوڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى ۋاقتىدا تەكشۈرتمەسلىك، براك قىلماسلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرىدىكەن؛ نۇقتىلىق ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلىرى، شوپۇرلۇق سالاھىيىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى مەركەزلىك رەتكە سېلىپ، شوپۇرلۇق كىنىشكسى بىكار قىلىنغان ياكى دەرىجىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنمىغان، قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ 12 نومۇر تارتىلغان، بەدەن شارائىتى ئىسپاتىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان ياكى ۋاقتىدا كىنىشكا ئالماشتۇرمىغانلىق ئەھۋاللىرىنى ئالاقىدار كىشىگە  ھەمدە تىرانسىپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇنداقلا شوپۇر تەۋە كارخانىغا ئۇقتۇرۇش قىلىدىكەن. ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، شوپۇرلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بارمىغان كارخانىلارنى تىرانسىپورت باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدىكەن، كارخانا مەسئۇلىنى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرتىپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى پۈتۈنلەي تازىلايدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ، قاتناش ساقچى قانۇن ئىجرا پونكىتى، تاشيوللاردا چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قىلمىشىنى تەكشۈرۈش پونكىتى قاتارلىق پونكىتلارغا تايىنىپ، قاراتمىلىق تۈزەشنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرىدىكەن. تاشيول تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسىش قىلمىشىنى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى، تىرانسىپورت باشقۇرۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى، تىرانسىپورت باشقۇرۇش، ساياھەت، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ يولۇچى توشۇش، ساياھەت ئاپتوبۇسلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى، مائارىپ، تىرانسىپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىپ مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، تارماق ئەترەتلەر تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، قەرەللىك ھالدا ئاخباراتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىش، ساقچى بىلەن بىرلىكتە زىيارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قاتناش بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپى، تىپىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، قاتناش بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان كارخانىلار قاتارلىقلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يول قاتناش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەخسۇس ھەرىكىتى خىزمىتىنى تەكشۈرۈش-يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ھەر پەسىلدە جايلاردىكى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى