تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

پەرزەنتكە كېرەكلىك بولغان مەنىۋى ئوزۇق مۇھەببەتتۇر

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش تەلەپلىرىدىن سىرت، يەنە مەنىۋى ئوزۇق تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەرەپنى ھەممە ئاتا-ئانىلار تونۇپ يېتەلمەيدۇ. بوۋاقلار موھتاج بولغان مەنىۋى ئوزۇق ئاتا-ئانىنىڭ مۇھەببىتى، بولۇپمۇ ئانا مۇھەببىتىدۇر. بۇ خىل مۇھەببەت ئېمىتىش، تاماقلاندۇرۇش، يۇيۇندۇرۇش، كىيىندۈرۈش، سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇش، بوۋاقنى ئوينىتىش، قۇچاقلاش، ھەمراھ بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ. بالا ئانا مېھرىگە قانغان شارائىتتا چوڭ بولسا، ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنچىلىقنى ھېس قىلىپ، ئاتا-ئانىسىغا چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت باغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى باسقۇچتىكى پەرزەنتلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىدۇ. بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا تۈز كۆڭۈل، مېھىر-مۇھەببەتلىك، پىسخىكىسى ساغلام كىشىلەردىن بولۇپ چىقىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ھازىر بەزى ياش ئاتا-ئانىلار خىزمەت ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بالىلارنى كىچىك چېغىدىلا چوڭلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇرىدۇ ياكى باشقىلارنىڭ قاراپ قويۇشىغا بېرىپ، ئۆزى بولسا پەقەت ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش بالىنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمدە دەسلەپكى باسقۇچتىكى قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ تىكلىنىشىگە پايدىسىز. چوڭلار ياكى باشقا قاراپ بەرگۈچىلەر بالىلارغا قانچىلىك مېھىر-مۇھەببەت بېرىشى، كۆيۈنۈشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ خىل مۇھەببەت ۋە ھېسسىيات ئاتا-ئانىلار بالىغا بېرىدىغان مېھىر-مۇھەببەت ۋە ھېسسىياتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالا 5-4 ياشلارغا كىرىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە دەسلەپكى باسقۇچتىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تۇرغۇزماق بىرقەدەر تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، بەزى ئاتا-ئانىلارغا بالا بىلەن ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن ئەمەستەك تۇيۇلۇشى دەل مۇشۇ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ بالدۇر شەكىللەنمىگەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. دەسلەپكى باسقۇچتىكى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بۇندىن كېيىنكى ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكە، ھېسسىياتقا ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئارقىلىق شۇنى بايقىدىكى، ئەگەر بالىلار تۇغۇلغاندا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلسە بۇ بالىدا تاماق تاللاش، ھەزىم قىلىشى قالايمىقان بولۇش، كېچىسى جۆيلۈش، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش، خاراكتېرى غەيرى، مىجەزى جاھىل، باشقىلار بىلەن ئاسان ئارىلاشمايدىغان، ھېسسىياتى نازۇك، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق غەيرى ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    شۇڭا پەرزەنتلىك مۇناسىۋىتىنى بالدۇر ئورنىتىشنى تەكىتلەش بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆز بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ، بالىلار بىلەن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت ئورنىتىشى كېرەك. بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە باسالمايدۇ. ئەگەر بىز ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتى سەۋەب تەلەپ قىلمايدۇ دەپ قارىساق، ئۇنداقتا بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا بولغان مۇھەببىتى ئۆگىنىشكە موھتاج دېيەلمەيمىز. رېئال تۇرمۇشىمىز بۇنى بىزگە ئېنىق ئېيتىپ بەردى، بۇ بىر ھەقىقەت.

ماتېرىيال سۈرەت

    بىز بالىلارغا ئاتا-ئانىسىنى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى سۆيۈشنى ئۆگىتىشىمىز لازىم. بالىلارغا باشقىلارنى سۆيۈشنى ئۆگىتىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىز مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلىشىمىز كېرەك ھەمدە بۇنداق مېھىر-مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ ھەربىر سائەت، ھەربىر مىنۇتلىرىغا ۋە ھەرقانداق بىر جايلىرىغىچە تولۇق سىڭىپ كىرىشى لازىم، ئەلۋەتتە. بالىلارنى ئېمىتىۋاتقاندا، بالىلارنىڭ سۈيدۈك لاتىسىنى يەڭگۈشلەۋاتقاندا، بالىلار بىلەن بىللە كوبىك تىزىپ ئويناۋاتقاندا، بالىلارنىڭ دېكلاماتسىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقاندا، يېرىم كېچىدە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بالىلارنىڭ ئېچىلىپ قالغان يوتقانلىرىنى يېپىپ قويۇۋاتقاندا... بالىلارنى چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، قىزىقتۇرۇش، تەقدىرلەش ۋە تەنقىدلەشتىمۇ بۇنداق مۇھەببەت ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى لازىم. ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى بالىنىڭ ئۈلگىسى، ئەگەر سىز بالىڭىزنى ھەقىقىي سۆيسىڭىز بالىڭىزمۇ باشقىلارنى سۆيۈشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. شۇڭا بىز سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئۆگىنىشكە موھتاج سەنئەت دەيمىز. تۆۋەندە بىر ئانىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاپ باقايلى:

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر قېتىم بىر يېرىم ياشلىق بالامغا تاماق قىلىۋاتقاندا، دىققەتسىزلىكىمدىن قولۇمنى پىچاق كېسىۋەتتى. بالام بۇنداق قانلىق ھالەتنى كۆرۈپ باقمىغاچقا كۆزىنى چەكچەيتىپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى. مەن ئۇنىڭغا : «بالام پىچاق ئوينىما، قول كېسىلىپ كەتسە قان چىقىپ قول ئاغرىيدۇ» دېدىم. ئەسلىدە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا پىچاق ئويناشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويماقچى ئىدىم، لېكىن ئوغلۇم گېپىمدىن قولۇمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقۇۋالدى. ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئوماق ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ، قولۇمنى يېنىك پۈۋلەشكە باشلىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا، كۆڭلۈمنى بىر خىل خۇشاللىق قاپلىدى، «بالام، سەن كىچىككىنە تۇرۇپ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلىۋالدىڭ، سەن بىلىسەن، ئىلگىرى سەن يېقىلىپ چۈشكەندە يېنىك پۈۋلەپ قوياتتىم. بۈگۈن سەن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق مېنىڭ ئازابىمنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋاپسەن.»

ماتېرىيال سۈرەت

    مېنى تېخىمۇ پەخىرلەندۈرۈپ تەسەللىي تاپقۇزغىنى يارىنى تېڭىۋاتقاندا «ئاپاڭنىڭ قولى ئاغرىق، سېنى كۆتۈرەلمەيدۇ» دېدىم. كەچتە كۈندىكىدەك سەيلىگە چىققاندا ئادەتتە بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ قويۇپ ئېتىلىپ كېلىپ پۇتۇمنى قۇچاقلىۋېلىپ ماڭا قاراپ «ئاپا مېنى كۆتۈر» دەيدىغان بالام ناھايىتى ئۇزاق ماڭدى. مەن تېخى ناخشا ئېيتقاچ ماڭغاچقا ئۇنتۇپ قالدى دەپ ئويلاپ، ھېرىپ قالمىسۇن دەپ كۆتۈرۈۋالماقچى بولدۇم. ئويلىمىغان يەردىن ئادەتتە كۆتۈرۈپ ھارغاندا چۈشۈرسەم ئىككى پۇتىنى يىغىۋېلىپ يەرگە دەسسىگىلى ئۇنىمايدىغان بالام بۇ قېتىم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن: «ئاپا قولۇڭ ئاغرىق، كۆتۈرمە!» دېدى. شۇ چاغدا قولۇمنىڭ زىڭىلداپ ئاغرىشىنى ئۇنتۇپ، بالامنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيدۈم، بالام مۈرەمگە بېشىنى قويۇپ ئازراق ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئىلدام چامداپ مېڭىپ كەتتى.

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى