ئۆز خەۋىرىمىز: ساۋاقدىشىم بىلەن يېڭى تەنھەرىكەت كىيىمى كىيىپ مەيداندا بەك خوشال ئوينىدۇق،-دېدى خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى يۇقىرى باغچى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان مۇيەسسەر مەتتۇرسۇن ھاياجانلانغان ھالدا.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى يۇقىرى باغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر 4-ئاينىڭ 11-كۈنى يۇقىرى باغچى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ۋە خۇيزۇدۈي كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا 265 قۇر تەنھەرىكەت كىيىمى ئىئانە قىلدى.
خۇيزۇدۈي كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى 1-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇراخمان روزىمەمەت مۇنداق دېدى : خىزمەت ئەترىتىدىكى ئاكا-ھەدىلەر ھەممىمىزگە بىر قۇر يېڭى تەنھەرىكەت كىيىمى تارقىتىپ بەردى، بىز بەك خۇشال بولدۇق.
يۇقىرى باغچى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بەن يۈشياڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ بالىلارغا قىلغان ياردىمىدىن بەك ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، بۇ ھەم مېنىڭ ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلىشىمگە ئىلھام بولدى. مەن داۋاملىق يېزا-كەنت مائارىپىدا يىلتىز تارتىپ، بالىلارنىڭ ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئوقۇغۇچىلارغا تەنھەرىكەت كىيىمى ئىئانە قىلدى
مۇھەررىر :
خالىسە ئەخمەت
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2018/04/12 17:40
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.