ماتېرىيال سۈرەت
ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆپكە راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، بۆرەك راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش 2-ئورۇندا تۇرىدىغان خەۋپ-خەتەر ئامىلى ئىكەن. كەلگۈسىدە بۇ خەۋپ-خەتەر ئامىلىنى يەنىمۇ مىقدارلاشتۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر بولۇپ، بۇ ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك راك كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قولايلىق يارىتىلىدىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: مەزكۇر مەكتەپ بىلەن ئېكسېتېر ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى باشچىلىقىدىكى تەتقىقات كوللېكتىپى بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 25 تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىتا سېلىشتۇرما تەھلىل ئېلىپ بارغان، بۇ 11 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق بىمارنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا چېتىلىدىكەن.
ماتېرىيال سۈرەت
تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ «ئەنگلىيە ئادەتتىكى مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دا بەرگەن دوكلاتىغا قارىغاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ سەۋەبسىزلا چۈشۈشى مەزى بېزى راكى، بوغماق ئۈچەي-تۈز ئۈچەي راكى، ئۆپكە راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى، بۆرەك راكى قاتارلىق 10 خىل راك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بولۇپمۇ 60 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىدا سەۋەبسىزلا بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى برايىن نىكول مۇنداق دېدى: بەدەن ئېغىرلىقى روشەن چۈشۈپ كەتكەن بىمارلار بەدىنىدىكى كۆپ قىسىم ئەزالارنى تەكشۈرتۈشى زۆرۈر. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىپىمىز بولسا بەدەن ئېغىرلىقى زادى قانچىلىك چۈشكەندە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ ۋە دوختۇرلارنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغايدۇ ھەمدە قايسى تەكشۈرۈشلەر راك كېسىلىگە دىياگنوز قويۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، دېگەننى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىشتۇر.