تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇيلى

 ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى توغرىسىدا(2)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  كۈچلۈك دۇنيا ئېقىمىغا ماسلاشقانلار روناق تاپىدۇ، قارشى ماڭغانلار ھالاك بولىدۇ.

  ‹‹مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان دۇنيادا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا قاراپ ماڭىدۇ؟ ئاسىيانىڭ ئىستىقبالى قەيەردە؟›› رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى›› دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دەۋر ئېقىمىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، بىرلىكتە تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ قورساقلىقى، ئەتراپلىق ۋە كەڭ نەزەر دائىرىسى ھەمدە تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىكى دادىللىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى›› ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى. ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى››غا جاۋاب بېرىشتە، ئەڭ مۇھىمى، تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىش كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيادا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئېقىم ۋە يۈزلىنىش نېمە؟ رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىپ يۈرۈشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆزنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسىغا ئايلاندى، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىق بارغانسېرى كونىراپ سەپتىن چۈشۈپ قالدى، ئۆزىنى چوڭ بىلگەنلەر ياكى ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، ئۆزگە بىلەن كارى بولمايدىغانلار ھەممىلا يەردە دەككىسىنى يېدى؛ دۇنيا ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولغان دۇنيا كەنتىگە ئايلاندى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۈنسېرى ئۆزئارا باغلاندى، ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتتى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىياتنى تېزلىتىش ــــ ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش بولۇپ قالدى؛ ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش ــــ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. كىم ئۆزگىرىشنى چەتكە قاقسا، كىم يېڭىلىق يارىتىشنى رەت قىلسا، شۇ دەۋرنىڭ ئارقىدا قالىدۇ، شۇ تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلىدۇ.

  40 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇش مۇھىم قارارىنى چىقارغانلىقى دەل دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلىگەنلىكتۇر. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت 2 – قېتىملىق ئىنقىلابى جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، قەدىمىي مىللەت بولغان بىز ‹‹دەۋر››گە يېتىشىۋېلىشتىن ‹‹دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش››تەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق؛ جۇڭگو دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچىغا ئايلاندى. 40 يىللىق تارىخ شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە مۇقەررەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى، شۇنداقلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش تارىخىي تەلىپىگە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى.

   رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا بىر ئېنىق ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللىنىمىز دەيدىكەن، چوقۇم تارىخنىڭ تەرەققىيات لوگىكىسى بويىچە ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا ناھايىتى كۆپ، خىرىس مىسلىسىز، يەرشارىلىشىشقا قارشى يۈزلىنىش ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ياكى ئېتىۋېلىش، ئىلگىرىلەش ياكى چېكىنىش كىشىلەرنىڭ غايىسى، نەزەر دائىرىسى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى سىنىماقتا. دەل مۇشۇنداق پەيت بىزدىن كۆز ئالدىمىزدىكى قارا بۇلۇتلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىخنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشنى، بۇلۇتنى يېرىپ قۇياشنى كۆرۈپ، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇشقا ماھىر بولۇشنى شۇنچە تەلەپ قىلماقتا. ئىلگىرىلەش يولىدا ئۇنداق ياكى بۇنداق قىيىنچىلىققا ۋە ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، گەرچە تەرەققىيات دولقۇنىدا ئۇنداق ياكى بۇنداق خەۋپ – خەتەر، خىرىسلار پەيدا بولسىمۇ، لېكىن بىز ئېقىم ۋە چوڭ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق ياراتساقلا تىنچ، خاتىرجەم، گۈللەنگەن، ئېچىۋېتىلگەن، گۈزەل ئاسىيا ۋە دۇنيا يارىتالايمىز.

  تارىخىي تەرەققىيات مۇقەررەر يۈزلىنىش، ئۇنى ھېچكىم توسۇپ قالالمايدۇ. ھازىر ھەرقانداق دۆلەت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىسقا مۇستەقىل تاقابىل تۇرالمايدۇ، يەنە ھەرقانداق دۆلەت بېكىنمىچىلىك ھالىتىگە قايتالمايدۇ. دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلساقلا ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.