تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بىر قېتىم ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ يۇيۇنۇش 30 مىنۇت سەيلە قىلغانغا باراۋەر

  يۇيۇنۇش بىر كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ئەنگلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئادەم بىر قېتىم يۇيۇنسا (ئىسسىق سۇدا) قان شېكىرى تۆۋەنلەپلا قالماستىن بەلكى يەنە كۆپ مىقداردا ئېنېرگىيە خورايدىكەن.

  ئەنگلىيە Loughbrough ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەرىكەت فىزىئولوگى، پروفېسسور ستېۋېن فۇلكنېر ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر 14 پىدائىيغا قان شېكىرىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى تاقاتقۇزۇپ، 40 گرادۇسلۇق تۇراقلىق ئىسسىق سۇدا چىلىنىپ يۇيۇندۇرغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، يۇيۇنۇش جەريانىدا پىدائىيلارنىڭ خېلىلا كۆپ مىقداردىكى ئېنېرگىيەسى خورىغان، بىر سائەت چىلىنىپ يۇيۇنغاندىن كېيىن، ئېنېرگىيەنىڭ خورىشى %80 كە يەتكەن.

  پروفېسسور فۇلكنېرنىڭ قارىشىچە، چىلىنىپ يۇيۇنۇشتىن ھاسىل بولغان بۇ ئۈنۈم «ئىسسىقتىن شۈك بولۇپ قېلىش» تىن كەلگەن ئىكەن. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بېسىمغا تاقابىل تۇرغاندا ھاسىل بولىدىغان بىر خىل مولېكۇلا بولۇپ، كىشىلەر بەدەن چېنىقتۇرغاندا ياكى ئىسسق مۇھىتتا تۇرغاندا، بەدەن بۇ خىل ئاقسىلنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. ئۇزۇن مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ خىل ئاقسىل ئىنسۇلىننى كۆپەيتىپ ياكى ئىنسۇلىننىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىپ، قان شېكىرىنى تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ئەمما دىيابېت بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدە بۇ خىل ئاقسىلنىڭ مىقدارى نورمال ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا ئاز بولىدىكەن. فۇلكنېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىسسىق سۇدا چىلىنىپ يۇيۇنۇپ ئېنېرگىيەنى خورىتىشنىڭ ئىككى ئالدىنقى شەرتى بار ئىكەن: يۇيۇنۇش ۋاقتى ۋە سۇ تېمپېراتۇرىسى. تەجرىبىدە مەلۇم بولىشىچە، ئۇدا بىر سائەت چىلىنىپ يۇيۇنغاندا ھەمدە سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 40 گرادۇس ئەتراپىدا تۇراقلىق بولسا، بەدەندىكى ئېنېرگىيەنىڭ خورىشى ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن؛ سۇ تېمپېراتۇرىسى 40 گرادۇسقا يەتمىسە ۋە تۇراقلىق بولمىسا ئۈنۈمى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدىكەن. سىناققا قاتناشقۇچىلار ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ يۇيۇنغاندا، ھەر سائىتىگە 590 جوئۇل ئەتراپىدا ئىسسىقلىق خورايدىكەن، بۇ 30 مىنۇت سەيلە قىلغاندا سەرپ بولىدىغان ئېنېرگىيەگە باراۋەر كېلىدىكەن، ئەمما ئوخشاش ۋاقىت ۋە ئۇزۇنلۇق ئىچىدە، ۋېلىسىپىت مىنسە تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق خورايدىكەن. شۇڭا، تەتقىقاتچىلار، ئىسسىق سۇغا چىلىنىپ قان شېكىرىنى تىزگىنلەش ئۇسۇلىنى بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئامالسىز كىشىلەرگىلا ماس كېلىدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى