تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

پەردازنىڭ ئۇزۇن تۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى (2)

   كۆز پەرداز
   كۆزگە پەرداز قىلىشنىڭ باسقۇچى:
    1) قاپاق سۇرۇخى سۈرۈش. ئالدى بىلەن سۇس رەڭلىك قاپاق سۇرۇخىنى تاللىۋالغاندىن كېيىن، چوتكىنى قاپاق سۇرۇخىغا مىلەپ قولنىڭ دۈمبە تەرىپىگە سۈرۈپ قويۇقلۇقىنى تەڭشەپ سۈرۈۋالىمىز، ئاندىن قېنىق رەڭلىك قاپاق سۇرۇخىنى كىرپىكنىڭ يىلتىز قىسمىدىن باشلاپ سۈرىمىز. كىرپىكنىڭ يىلتىز قىسمىغا سۈرۈلىدىغان قاپاق سۇرۇخىنىڭ رەڭگى ئەڭ قېنىق، ئۈستىگىرەك سۈرىلىدىغان قاپاق سۇرۇخىنىڭ رەڭگى سۇسراق بولىدۇ. بىر رەڭ بىلەن يەنە بىر رەڭنىڭ ئارىسىدا بەك روشەن ئايرىش سىزىقى بولماسلىقى كېرەك.

    2) كۆز سىزىش. ئاستى-ئۈستى كىرپىكنىڭ يىلتىز قىسمىنى سىزىش كېرەك. يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بۆلەككە بۆلۈپ سىزىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ. يەنى، ئۈچ بۆلەككە بۆلۈپ، ئاخىرىدا بىر-بىرىگە ئۇلىۋەتسە بولىدۇ. ئەگەر كۆزىڭىزنىڭ نۇرسىز كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئۈستۈنكى قاپاققا چىقىرىپ سىزسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما ئاستىنى بەك ئاشۇرۇپ سىزماسلىقىڭىز كېرەك. ئاندىن كىرپىكنىڭ يىلتىز قىسمىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ سىزىش ئاخىرىدا پىلتىگۈچ بىلەن قۇيرۇق قىسمىنى سۈرتكەندە كۆزنىڭ قۇيرۇق قىسمى تەبىئىي چىقىدۇ.

    3) كىرپىك لاكى سۈرۈش. كىرپىك لاكى سۈرۈشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن كىرپىك ئەگكۈچ بىلەن كىرپىكنى ئىگىپ، كىرپىك لاكىنى كىرپىكنىڭ يىلتىز قىسمىدىن ئۇچىغىچە يانچە سۈرۈش كېرەك.

    4) قاش سىزىش. قاش قەلىمى ياكى قاش چوتكىسى بىلەن قاشنى بويلاپ قاشنىڭ قۇيرۇقىغىچە سىزغاندىن كېيىن، چوتكا بىلەن يېيىتقاندا قاش تەبىئىي ھالەتكە كېلىدۇ.
    لەۋ پەردىزى
    لەۋگە پەرداز قىلىشنىڭ تەرتىپى:
   1) لەۋ سىلىقلاش مەلھىمىنى سۈرۈش. ئالدى بىلەن رەڭسىز لەۋ سىلىقلاش سۇرۇخىنى سۈرۈپ لەۋنى سىلىقلىۋالىمىز، بۇنداق بولغاندا لەۋگە سۇ تولۇقلىنىپ، لەۋ سىلىق ھالەتكە كېلىدۇ.

   2) لەۋ ئەتراپىنى سىزىش (بۇ باسقۇچنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقىمۇ بولىدۇ). لەۋ سۇرۇخ بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى لەۋ سىزىش قەلىمى بىلەن لەۋ ئەتراپىنى تۈزۈۋالىمىز، بۇنداق بولغاندا لەۋ سۇرۇخنى لەۋ سىرتىغا چىقىرىۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەمدە لەۋ شەكلى تېخىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

    3) لەۋ سۇرۇخ سۈرۈش. لەۋ سۇرۇخنى لەۋگە بىۋاسىتە سۈرمەستىن بەلكى چوتكىغا ئازراق لەۋ سۇرۇخ يېپىشتۇرۇپ ئاندىن چوتكا بىلە سۈرۈش كېرەك. ئەگەر لىۋىڭىزنى تېخىمۇ تولغان كۆرۈنسۇن دېسىڭىز، لەۋ سۇرۇخنى لىۋىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كۆپرەك، لەۋ ئەتراپىڭىزغا ئازراق سۈرۈڭ.

   ئەڭلىك. چوڭ چوتكىغا ئاز مىقداردا ئەڭلىك يېپىشتۇرۇپ مەڭىز سۆڭىكىزدىن چېكىڭىزگە قارىتىپ سۈرۈڭ. ئەڭلىك سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھۆسىن تۈزەش مەلھىمى (修容膏) نى سۈرسىڭىزلا پۈتۈن پەرداز پۈتكەن بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى