بۇلتۇر 9-ئايدا، ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدا «ئارما» ناملىق قارا بوران چىقىپ، بىر قاتار ئاپەت خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. يېقىندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن تارتىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، قارا بوراننىڭ تەسىرىدە، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئوتتۇرىدا بىر يېڭى كىچىك ئارال شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ ئارال «كىچىك قارا ساقال» ئارىلى دەپ ئاتالغان.
جورجى ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈچلۈك بوراننىڭ ھۇجۇمىدا، كىچىك قارا ساقال ئارىلى بىلەن ساپېللو ئارىلىنىڭ ئەسلىدىكى قۇرۇقلۇقتىكى قىسمى يوقاپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر كىچىك ئارال شەكىللەنگەن.
سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، كىچىك قارا ساقال ئارىلىنىڭ سىرتقى ئەتراپى قۇم ۋە ئوتلاق، ئوتتۇرا رايونى ئورمانلىق ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ساپېللو ئارىلى بىلەن تۇتىشىدىغان جايلىرىنى دېڭىز سۈيى يۇتۇپ كەتكەن ئىكەن.


