تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش كەسپى ئېچىۋېتىلگەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 664 كە يەتتى

    ئۆز مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش كەسپى ئېچىۋېتىلگەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 664 كە يەتكەن. 2018-يىلى 1-ئايدىن 3-ئايغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىش 3538 ئادەم (قېتىم) گە، داۋالىنىش چىقىمى 68 مىليون يۈەنگە، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىدىن چىقىم قىلىنغان سومما 50 مىليون 610 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
    تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت ئىچىدىكى بارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە بىڭتۈەندە ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاستە راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، ئاممىنىڭ يۆتكىلىپ كېسەل كۆرستىش، يۆتكىلىپ داۋالىنىش رەسمىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، يۆتكىلىپ كېسەل كۆرسىتىش، يۆتكىلىپ داۋالىنىش رەسمىيەتلىرىنى دوختۇرخانىدا بىر تۇتاش بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغان؛ ئۇچۇر بىرلەشمە تور مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، زور سوممىلىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتا ھەققى قاتارلىقلارنى دوختۇرخانىدا «بىر تالون» بىلەنلا ھېسابات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان؛ باشقا جايدا داۋالىنىش، راسچوت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ بېجىرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ماسلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاستە راسچوت قىلىش داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلغان.
    ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش بوغالتىرى ۋاڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا سىستېمىنى تورلاشتۇرۇش، خادىملارنى ئەنگە ئېلىش، كارتا ئارقىلىق راسچوت قىلىش، فوند كىرىم-چىقىمى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئامما بولۇپمۇ باشقا جايدا ئولتۇراقلاشقان، سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىققان، يۆتكىلىپ كېسەل كۆرسىتىۋاتقان، يۆتكىلىپ داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش، بالنېستىدا يېتىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشىغا زور قولايلىق يارىتىپ بېرىلدى.
    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش سۇپىسى ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش سۇپىسى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاپتونوم رايون سىرتىغا ئەنگە ئالدۇرغانلار جەمئىي 64 مىڭ 300 ئادەم (قېتىم)گە، باشقا ئۆلكىلەردىن شىنجاڭغا ئەنگە ئالدۇرغانلار 23 مىڭ 203 ئادەم (قېتىم) گە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش كەسپى ئېچىۋېتىلگەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 664 كە، مەملىكەت ئىچىدە ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالىنىش كەسپى ئېچىۋېتىلگەن بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى 8944 كە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى