پەردازنىڭ ئۇزۇن تۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى پەرداز قىلىش تەرتىپىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن. پەرداز قىلىش تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
نەملىك ساقلاش مەھلىمى/يۈز مەلھىمى ياكى پەردازدىن ئىلگىرىكى سۈتلۈك
يارىشىملىق پەرداز ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئاساسىي خىزمەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، تېرىدە سۇ يېتەرلىك بولغاندا پەرداز ئاسان سىڭىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى پەرداز قىلىشتىن ئىلگىرى ئاساسىي نەملىك ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. نەملىك ساقلاش مەلھىمى/ يۈزلۈك مەلھەم ياكى پەردازدىن ئىلگىرىكى سۈتلۈك پۈتكۈل پەردازنىڭ مۇكەممەل ۋە تەبىئىي چىقىشىغا تەسر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سۈتلۈك پەرداز يېتەرلىك سۇلۇق بولسا نەملىك ساقلاش مەلھىمى/ يۈزلۈك مەلھىمىنى سۈرمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئاپتاپتىن ساقلاش مېيىنى سۈرمەكچى بولسا، چوقۇم نەملىك ساقلاش مەلھىمى/ يۈزلۈك مەلھەم ياكى پەردازدىن ئىلگىرىكى سۈتلۈكتىن كېيىن، ئۇپىلىق ئاقارتىش مېيىدىن ئاۋۋال سۈرۈش كېرەك.
ئۇپلىق ئاقارتىش مېيى (سۇيۇق ھالەتتىكى/مەلھەم ھالەتتىكى)
تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئۇپىلىق ئاقارتىش مېيى سۈرۈش كېرەك. ئەگەر پەردازنىڭ تەبىئىي كۆرۈنىشىنى ئۈمىد قىلسا، بىۋاسىتە قول بىلەن ياكى مەخسۇس ئۇپىلىق ئاقارتىش مەلھىمى سۈرۈش چوتكىسى بىلەن ئېھتىياجلىق ئورۇنغا تەكشى سۈرسە بولىدۇ، مەسىلەن، بۇرۇن قانىتنىڭ ئىككى يان تەرىپى، جاۋغاي ئەتراپىنى پەرداز بۇلۇتى بىلەن تەكشىلىسە بولىدۇ؛ ئەگەر يۈزدىكى داغ-سەپكۈنلەرنى پۈتۈنلەي يوشۇرماقچى بولسا، مەخسۇس ئۇپىلىق ئاقارتىش مېيى چوتكىسى بىلەن ئۇپىلىق ئاقارتىش مېيىنى يۈزنىڭ ھەممە يېرىگە ئىككى قەۋەت سۈرسە بولىدۇ.
يوشۇرۇش مەلھىمى
ئۇپىلىق ئاقارتىش مېيىنى سۈرۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە تولۇق يوشۇرۇلمىغان داغلار بولسا، يوشۇرۇش مەلھىمىنى پۇرچاق چوڭلىقىدا چىقىرىپ، ئاز-ئازدىن ئېھتىياجلىق ئورۇنغا سۈرسە بولىدۇ.
ئۇپا بىلەن پەردازنى مۇقىملاشتۇرۇش
بۇ باسقۇچ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇپا پەردازنى تېخىمۇ ئۇزۇن تۇتۇپ تۇرۇش، پەردازنى تېخىمۇ مۇكەممەل كۆرسىتىش رولىغا ئىگە. ئاز مىقداردىكى ئۇپىنى (بىرلا قېتىمدا ئۇپىنى چوتكىغا بەك كۆپ يېپىشتۇرۇۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك) ئۇپا چوتكىسى ياكى ئۇپا سۈرگۈچ بىلەن يۈزگە يىنىك بېسىپ سۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.