تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇقاتتىق جەڭدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىمىز

  قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم چۈرۈم چۈخۇڭ

  يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە قويۇش ــــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئورنى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈرەش نىشانى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقى، ئۇزاق مۇقىملىقى، ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭدىكى بارلىق كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن تۇتاش بولۇش، زىچ باغلانغان بولۇشنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكى ئالدىدا، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى تۇرغۇزۇشى، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىشى، بولۇپمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر توغرا مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر دادىل كۈرەش قىلىپ، نەتىجە يارىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنى، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملىدى. بىراق، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› يەنىلا بارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ مىللىي ماجىرا پەيدا قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىپ، مىللەتلەرنىڭ قارشىلىشىشىنى تەرغىب قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرتىپكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ۋە ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىشى، تەنقىد قىلىشى كېرەك. خىزمەت داۋامىدا ئىستىلنى ياخشىلاپ، خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  باش نىشاننى تۇتقا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا، جەزمەن مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلمىساق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى بولمايدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىمۇ بولمايدۇ. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى