ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا، بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى شارالجىن كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا چوڭ تىپتىكى GPS ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى كېۋەز ئۇرۇقىنى سېلىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا شەھىرى پاختا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ھوسۇلنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتلىك، ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىشقا ماس كېلىدىغان پاختا سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، يىغىۋېلىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلاردا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى يولغا قويۇپ، پاختا تېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈردى. نۆۋەتتە، بورتالا شەھىرىدە ماشىنا بىلەن پاختا يىغىش كەسپىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئۈنۈم تىپى سۈپەت ئۈنۈمى تىپىغا ئۆزگەردى. 2018-يىلى بورتالا شەھىرىدە كېۋەز ئۆستۈرۈش ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 460 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈنلەي ماشىنا بىلەن ئۇرۇق سېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
(يۈسۈپ غېنى فوتوسى)