تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

«ئانا–بالا ئاجىزلىقى»دىن ھەزەر ئەيلەڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    بىر ئانا بالىسى يەسلىگە مېڭىش ئالدىدا بىر نەچچىنى چۈشكۈرۈپ قويسا بەك قورقۇپ كەتكەن. يەنە بىر ئانا بالىسىنىڭ مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان دالا ساياھىتىگە قاتنىشىشىغا ئەزەلدىن ئۇنىمايدىكەن، چۈنكى بۇ ئانا بالىسىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرەر ھادىسىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. يەنە بىر ئانا كىشىنى تېخىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرىم كېچىدە قوپۇپ بالىسىغا قاراپ باقىدىكەن. بۇ ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل «كۆيۈنۈشى» نىڭ بالىلارنى توخۇ يۈرەك، ئانىسىغا ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋالىدىغان، مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈش ئىقتىدارى يوق، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى بىلمىسە كېرەك. تېبابەتچىلىكتە بۇ خىل ئەھۋال «ئانا-بالا ئاجىزلىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقات ۋە كۆزىتىشكە قارىغاندا «ئانا-بالا ئاجىزلىقى»غا گىرىپتار بولغان ئانىلارنىڭ كۆپىنچىسى مەلۇم مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى خېلى يۇقىرى، لېكىن جىمغۇر، قورقۇنچاق، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، پايدا-زىيىنى بىلەن بەك ھېسابلىشىدىغان، تۇراقسىز كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆپچۆرىسىدىكى ھەرقانداق ئىشقا ناھايىتى سەزگۈر، شۇنداقلا جاھىل، ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ھېساب قىلىمەن، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇلار تېبابەتچىلىكتىن ئانچە-مۇنچە خەۋەردار. بالىلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى قىلدەك ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ۋاي-ۋايلاپ كېتىدۇ، كىچىككىنە ئىش بولۇپ قالسا نېمە قىلىشىنى بىلمەي ئالاقزادە بولۇپ كېتىدۇ. بالا زۇكامداپ ياكى ئىچى سۈرۈپ قالسا، بۇنىڭ ھېچقانچە كېسەل ئەمەسلىكىنى بىلسىمۇ ئىچى تىتىلداپ خاتىرجەم بولالمايدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئانا كەيپىياتىنىڭ تۇراقسىزلىقى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مۇقەررەر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر تەرەپتىن، دائىم جىددىيچىلىكتە تۇرغاچقا، سەبىي بالا قورقۇنچاق، ئاجىز، يەككە-يىگانىلىكنى خالايدىغان غەلىتە مىجەزلىك، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئانىلار بالا نېمە دېسە، شۇنى قىلىپ بەرگەچكە بالا بارا-بارا ئۆينىڭ زومىگىرىگە ئايلىنىپ قىلىپ، ئازراقلا كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئىش بولسا دەرھال ئاچچىقلاپ ۋارقىرايدىغان ياكى يىغلاپ جىدەل قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، بالىدا تەييارغا ھەييار بولىدىغان يامان ئادەت كۈچىيىدۇ. ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردىمۇ ئاتا-ئانىسىغا تايىنىۋالغاچقا قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان، ماسلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەن نان قېپىغا ئايلىنىپ قېلىپ، ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا دۇچ كەلسىلا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    «ئانا-بالا ئاجىزلىقى» دىن ساقلىنىشتا مۇھىم ھالقا ئانا. چۈنكى، ئانىنىڭ ھەربىر سۆز-ھەرىكىتى بالىغا تەسىر قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل تەسىر بىلىنمەستىن ئاستا-ئاستا رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل ئانىلار ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ پىسخىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، بالىنى ئىلمىي تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. بالىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا ھەددىدىن ئارتۇق ئارىلىشۋالماسلىقى، بالىغا ئىختىيارى ھەرىكەت قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، ئۇلارغا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتى بېرىشى كېرەك. بالىغا كۆيۈنۈش بىلەن ئۇلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، بالىدا نورمال پىسخىكا يېتىلدۈرۈپ، ئوچۇق-يورۇق، شوخ مىجەز شەكىللەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە  ۋە تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

ماتېرىيال سۈرەت

«بالىلار ساغلاملىقى دەستۇرى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى