تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

[بەخت كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەنسۇپ] نانغا يۇغۇرۇلغان ئۈمىد

   ئۆز خەۋىرىمىز: 4-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە، قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى تۆگىچى يېزىسى قۇمباغ كەنتى ئاھالىسى ئەكبەر مەمەت بىر قانچە كىشى بىلەن بىرلىكتە نان يېقىۋاتاتتى.

    ئەكبەر قۇمباغ كەنتى يېشىل سۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى (تۆۋەندە قىسقارتىپ كوپىراتىپ دېيىلىدۇ) نىڭ قۇرغۇچىسى. بۇ كوپىراتىپ 2- ئايدا قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئەكبەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەركۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماي نان يېقىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇلارنىڭ سودىسى ياخشى بولۇپ كۈندە مىڭدەك نان سېتىلاتتى.

   بۇ يىلنىڭ بېشىدا،  ئەكبەردە مۇشۇ كەنتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟ دېگەن بىر ئوي پەيدا بولدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئويىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تۆگىچى يېزىسىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە ئېيتتى.

   «دۆلەت ھەمراھ زاۋۇت ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، بىزمۇ مۇشۇ تەرەپتىن بىر ئىش قىلالامدۇق؟ » دېگەن پىكىر ئاساسىدا،  كەنتتىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمى بىلەن قۇمباغ يېزىسىدا تۇنجى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى.

   كوپىراتىپقا ئورۇن تاللاش، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتىن تارتىپ يۈرۈشلەشتۈرۈشكىچە بولغان  جەرياندا، ئەكبەر ئومۇميۈزلۈك يېتەكچىلىككە ۋە ياردەمگە ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆگىچى يېزىسىدىكى بىر قانچە مەكتەپنى نان بىلەن تەمىنلەشنى كۆتۈرە ئالدى.

   ئەكبەر مۇنداق دېدى: كوپىراتىپ مېنىڭ بەك چوڭ ئۈمىدىم. مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىپ كوپىراتىپنى ياخشى ماڭغۇزىمەن ۋە كەنتتىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، قۇمباغ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

     ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قۇمباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاساس قىلىپ، نامراتلارنى دەپ جايىدا يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى قىيىن نۇقتىنى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىش، ئالىي مەكتەپنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەنىتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ،  نىشانلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرى تۈزۈپ چىقىپ، «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى+ كوپىراتىپ+ نامرات ئائىلە» نامراتلىقتىن  قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئەندىزىسى بويىچە، «بىر كوپىراتىپ قۇرۇش، بىر كەسىپنى يېتەكلەش، بىر توپ كىشىنى بېيىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئۈچ ئەل خىزمىتى ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى چاقان خىزىر مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشىش نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەنتتىكى يوشۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى قېزىپ چىقىپ، ھازىر بار بولغان كوپىراتىپلارنىڭ راۋاجلىنىشىغا ياردەم بېرىپ كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ناننى ماركىلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؛ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسىدا ئىككىلەمچى ئىگىلىك تىكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تور دۇكىنى ئېچىش ئارقىلىق سېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پايدا يارىتىشقا تىرىشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى